، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-ئېيۇل
خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلاشما نىكاھ توغرىسىدىكى مەزكۇر ۋىدېئو – ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەلقئارا قاناللىرى ئارقىلىق – ئۇيغۇر تايمىز ئىنگلىزچە، تۈركچە، گېرمانچە، خىتايچە تىل قاناللىرىدا – تارقالغاندىن كېيىن يۈز مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىكى يەنە بىر قورالى بولغان مەجبۇرىي ئارىلاشما نىكاھ ۋاستىسىنىڭ قەبىھلىكى – كىشىلەردە كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان، ئۇيغۇر تايمىز بۇ ھەقتە ئونلىغان ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
بۇ ۋىدېئونى لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت خانىم چۈشۈرۈپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى – ئۇيغۇر تايمىز زۇمرەت خانىمغا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەھمەت ئېيتىدۇ.