چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق ھەققىدە

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

بۈگۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى – خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرلاپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە دۇنياغا خوجايىن بولۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىدىغان دۇنياۋىي قورالى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قانۇنلار ماقۇللاندى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، چەتئەلنىڭ ئالاقىدار مىڭلىغان شىركەتلىرى ئېغىر جازاغا ئۇچرىدى.

ئەمما خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە قۇل ئەمگىكىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ ياراتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى، ئۇلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىش ھېلىھەم كۆپ: خىتايدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىم ئېلېكترونلۇق، توقۇلما رەخت ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە بۇيۇملىرى بۇنىڭ ئىچىدە.

خۇسۇسەن، مەن ئىلگىرى بىلمەي سېتىۋالغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىسى – ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ياندۇردۇم، ياكى تاشلىۋەتتىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياق، سۇ ئىسسىتقۇ قاتارلىقلار بار.

بۇنىڭ زىيىنى شۇكى، بىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇل بولۇشىنى خالىغان بولىمىز.

جىنايەتكە شېرىك بولىمىز. قارشىلىق كۈچىمىز ئاستا-ئاستا يوقىلىدۇ.

ئەۋج ئالغانسېرى، خىتاينى قوللايمىز، ئۇيغۇر ئەمەسلەر – بىزنىڭ نەقەدەر مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىزدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.

تەۋسىيە: مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، نەدە ئىشلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

خىتايدا ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like