كانادا تاراتقۇسى CBC News قانىلىنىڭ بازار(MARKETPLACE) پروگراممىسى 29-ئۆكتەبىر مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ كانادا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان پەمىدۇر قىيامىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان.

مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى يوقىتىۋىتىلگەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنى …

فرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان بالىلار گېزىتى » مېنىڭ كۈندىلىكىم» (Mon Quotidien) ژۇرنىلى 30-ئىيۇن ۋە 2-ئىيۇل كۈنلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىزمۇ بۇ ھەقتە 3-ئىيۇل خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە ئائىلىسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قارىمايدىكى بۇرۇنقى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇچۇردا گۈلباھار خانىمنىڭ چوقۇم قارىمايغا كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەنگە قايتقان گۈلباھار خانىم ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. فرانسىيەدىكى يولدىشى ۋە قىزلىرىنىڭ توختىماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىسىدا، ئاخىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك بېسىملىرى بىلەن 3يىلدىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن گۈلباھ