ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مەركىزى ھەربىي كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چى لىياڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسلام ئابادقا زىيارەتكە باردى. پاكىستان پىرىزدىنتى ئالۋى كۈتىۋېلىش مەيدانىدا «شىنجاڭ» (ش ت) مۇستەقىلچىلىرى «تىرورلۇق كۈچلىرى» نى تىلغا ئالدى ۋە ۋەدە بەردى.
سىياسەت
دوگ باندوۋ Doug Bandow بولسا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى. ئۇ بۇرۇن رونالد رىگاننىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان ۋە ”تاشقى ھاماقەتلەر: ئامېرىكانىڭ يېڭى يەرشارى ئىمپېرىيىسى (Foreign Follies: America’s New Global Empire)“ قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان.
ئولسى جازەشھى (Olsi Jazexhi) ئالبانىيەلىك پىروفېسسور ۋە مۇخبىر بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكىمىتى ئورۇنلاشتۇرغان شىنجاڭ (ش ت) زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ھېسس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ: مەن چوقۇم «يىغىۋېلىش لاگىرى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىمەن، دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
نيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادالار خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش مەسىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە بۇ ئىككى ئاسىيا دۆلىتىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئازسانلىق توپلۇمىغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە بېسىم قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.
بېرلىن – دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭدا (ش ت) بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇسۇلمانلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامىغانلىقىنى بىلدى.
تىرامپ ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇر ئاكادىمىكنى ئامرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كىڭىشىدە خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىموۋۇللۇق بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-05 بۈگۈن 8-ئاينىڭ 5-كۈنى د ۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئاقسارايدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرزىنتى مايىك پەنىس ۋە ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياردەمچىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك ھىسابىدا بۈگۈندىكى كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى يازدى. https://www.facebook.com/photo.php?fbid=10214111161844380&set=a.3598944063578&type=3&eid=ARCsRBynjlNyma9zMKfO5IqYf0ZUgxaflRJft3zGiv6QF3JiyjxvIEtpiwz8Zv8o9ttM0GZVLajnEya_
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-02 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان يېقىندا تېۋتتىردا ئۇيغۇر نامىنى قوللانغان نۇرغۇن ئلشەتكۇچىلەرنى بايقىغان، ئۇلار ئىنگىلىزچە، ختتايچە ئۇيغۇر نامىنى ئشلەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىچقانداق مەزمۇن ئورتاقلاشمىغان، ھساباتىدا پۈتۈنلەي ئنگىلىز تىلىدا ئەرەبلەرگە ئائىت مەزمۇنلار يوللانغان بولۇپ، بىرەرمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى خەۋەر يوقكەن. تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشمىزچە، بۇلار جەمئى ئوتتۇزدىن ئاشىدىغان […]
تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نارىسىدە بالىنىڭ ئانىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغان خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالدى.
7-ئاينىڭ 24-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل گراند ماكەل (Grand Makel) مېھمانخانىسىدا «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنى ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى، ھەمدە بېجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقىنى شىكايەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»
ھۆرمەتلىك مايىك پومپىيو ئەپەندىم:
يېقىندا بىز سىزنىڭ جۇڭگۇغا قارىتا ئىلان قىلغان بىر قىسىم باياناتلىرىڭىزغا دىققەت قىلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى (ش ت) دىننى ئىتقاد ۋە كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا يالغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، بىز شىنجاڭ (ش ت) زىيالىلىرى ۋە دىننى زاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىز، ناتوغرا گەپ -سۆزلىرىڭىزگە قاتتىق غەزىپمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى باش كاتىۋى مايىك پومپىيو بىر يىلدىن بىرى ختتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قاراتقان دىنى ،مىللى سياستىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولۇپ،.16 ۋە 17-ئىيۇل ۋاشنگىتوندا ئۆتكۇزۇلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا منستىر دەرىجىلىك دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى يېغىنىدا مايىك پومپىيو:ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستى بۇ ئەسردىكى داغ-،ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيتىنى يوق قىلماقتا،دىنى ئىتىقادىنى ۋەيران قىلماقتا-دەپ سۆزلىگەنىدى.
شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەتقىقاتى:ئاز بولغاندا 3 مىلىيون 650مىڭ كىشى لاگىردا ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ،ۋاشنگىتون. تەييارلىغۇچى:ئۆلۇمتۈك 2019-يىلى 15-ئىيۇل ۋاشنگىتون ئەركىنلىك مەشئىلى تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،نسبەتەن يېڭى بولغان شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى شەرقى تۈركستاندىكى بىر قسم لاگىر ئورۇنلىرىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.
مىنىڭ ئىسمىم مەت، مەن ئامرىكىنىڭ فىلادىلفىيا شەھرى ئەتراپىدىكى فورج مەھەللىسىدە تۇرىمەن. مەن نۆۋەتتە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىش ھەرىكىتى قوزغاش ئۈچۈن ياردەمدە بولىۋاتىمەن.
رويتېرس ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە ۋە باشقا 35 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا غەربنىڭ تەنقىدلىشىنىڭ ئەكسىنچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خەت يازغان.
-2019يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى بولغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق يېغىنىدا ،22 دۆلەت تارىخىتا كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە بىرلىكتە چاقىرىق قىلىپ ختتاينى لاگىرلارنى تاقاشقا،شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىسنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. مەزكۇر بىرلەشمە چاقېرىقتا يەنە دۆلەتلەر ختتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئنسانى ھوقۇق كومېتىتى بىلەن ھەمكارلىشپ،رايونغا كىرىشكە يولغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.
كورىيەلىك ۋۇ مىڭيۈ خانىم دىنغا قارشى، خىتاي كومپارتىيىسىنى سۆيىدىغان ئايال ئىكەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئاشكارا ئىش. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن خىتايدىن قېچىپ چىققان خىرىسىتىيان مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ ئىسىم ۋە رەسىملىرىنى قانۇنسىز ئاشكارىلاش، خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغان نامايىش قوزغاپ، مەزكۇر ئىلتىجاچىلارنى پاراكەندە قىلىش، كورىيەدە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا قارشى سەلبىي تەشۋىقات قىلىش قاتارلىقلار بار