تۈركىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنۇن 16- يانۋار تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە «بىر خىتاي سياسىتى» پرىنسپىنى بىز قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق ۋاستىلار بىلەن كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن مۇناسۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇششنى ئارزۇ قىلىمىز.
سىياسەت
فرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە 12- يانۋار خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا ئۇنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە ئائىلىسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قارىمايدىكى بۇرۇنقى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇچۇردا گۈلباھار خانىمنىڭ چوقۇم قارىمايغا كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەنگە قايتقان گۈلباھار خانىم ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. فرانسىيەدىكى يولدىشى ۋە قىزلىرىنىڭ توختىماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىسىدا، ئاخىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك بېسىملىرى بىلەن 3يىلدىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن گۈلباھ
ماقۇللانغان ۋاقتى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنى 40-نۆۋەتلىك يىغىنى 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللىنىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ، تەستىقلاپ ۋە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ئېچىۋېتىلگەن.
12-يانۋار ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ۋېئاننادىكى باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن(Ozan Ceyhun) بىلەن كۈرۈشتى
ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاز بولىشىغا قارىماي
ئەنگىلىيە رادىئو شركتى ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6- دېكابىر ئەنگىلىينىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركىتى ماركس ۋە سپەنسىر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئشلەنگەن ھەر قانداق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى تۋىتتېردا خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ «رادىكاللىقنى يوقىتىش – شىنجاڭدىكى ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بەردى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى تارقاتقان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر ئۇلانما ئۈستىگە «تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كاللىسى ئازات قىلىندى
ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۇچۇن يەھۇدى ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا «شىنجاڭ/ئۇيغۇر» قارارى، 604 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 20 ئاۋازنىڭ قارشىلىقى ۋە 57 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن قاراردىن ئۆتتى. مەزكۇر قاراردا ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئىشلىرى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىن ساسى كوممۇنىزىمنىڭ زىينىغا ئۇچرىغانلار فوندى جەمئىيتى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زىنزنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ
بۈگۈن خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى پائالىيەتنىڭ 10- كۈنى ئاخىرلاشتۇردى. بىر نەچچە پىداكار ياش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىك، قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان بۇ يولى بۈگۈنكى كۈندە يۈزلىگەن كىشىلەرنى ئائىلىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ھەرقايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، سوتسىيال مېدىيالارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى ئۇستازلارنى، ئوقۇغۇچىلارنى، خەلق ئاممىسىنى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىنسانلىق، مۇسۇلمانلىق، قېرىنداشلىق ۋەزىپسىنى خاتىرلەتتى.
30دىكابىر كۈنى فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپ كىشىلەر تۈركىيەنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئالدىدا قارشىلىق نامائىشى قىلدى. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك نامائىش ئادەم سانىغا چەك قويۇلغانلىقىدىن نامايىشقا يىگىرمە ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
22- دېكابىر تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان نەچچە ئون ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئالدىغا توپلىشپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان. ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولاردىن قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى كونسۇل جايلاشقان كوچا ئوتتۇرىسىغا توساق توسۇپ، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ياشلار قوللىرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا سەككىز كۈندىن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا بىگۇناھ سولانغان تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش مەقسىتىدە ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن ياشلارنىڭ پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى بۈگۈن بەشىنچى كۈنگە قەدەم قويدى.
فرانسيە خەلقئارا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، شۇ يەر ۋاقتى 23- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، فرانسيە تاشقى سودا مىنىستىرى فرانك رىيستېر(Franck Riester) مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ۋەدىسنى ئالمىدۇق. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن پارىژ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمزالىغان كېلىشىمنى قوللىمايدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو (ئۇيغۇرچە ئىسمى مەمەت پولات) 23- دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى خەلقئارا ئادالەت بۆلۈمى، ئاسيا – خىتاي بۆلۈمى، ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىنگەن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قانۇنىي، ئىلمىي ئاساستا يەكۈن چىقىرىشقا بۇيرۇغان. بۇ دېلو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدىن بىجىرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.
ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلاربىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى نەچچە مىڭ يەھۇدىي قاتناشتى. يىغىنغا ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئىلاۋە:ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدا تاريخى مەۋجۇتلۇق كىرزىسدە تۇرىۋاتىمىز، بىرلىككە كەلگەن سياسى ئاپپارات يوق، كۇچلەر تارقاق، ئېقتسادى ئاساسى ئاجىز، بۇنداق بىر پەيتتە ئۆزىمىزنى قانداق كۇچلەندۇرىمىز؟ قەد كۆتۇرۇشمىز ئۇچۇن نىمە لازىم؟ دىگەن تېمىلار ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى توپلىرىدا ئاممىباب مۇنازىرە قوزغىدۇق، ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. پىكرى ئۆزىگە مەنسۇپ. ئىنتىرنىتقا يوللانغاندىن كېين قوشۇلغان مۇنازىرلەرنى داۋاملىق قسملارغا بۆلۈپ كۆپچىلىككە سۇنىمىز.