دېموكراتىك زات، تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار دىموكراتىيە ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇزۇن مۇددەت تەيۋەندە تەتقىقات، پائالىيەت ۋە مېدىيا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە پائالىيەتچىسى ئۆركەش دۆلەت 23- نويابىر كۈنى تەيۋەن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى (تەيۋەن پارلامېنتى) دا قۇرۇلغان «كىشلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئىجرائىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.
شەخسلەر
مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ سائادەت پارتىيەسى مەركىزىي يېغىن زالىدا «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» مۇكاپاتى تارقىتىلدى. بۇ يىلقى مۇكاپاتنى خىتاي لاگېرىدا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز ئالغان بولۇپ، گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز تۈركىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوغلى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئىلگىرى كىشىلەر بايدېننى كۆپىنچە ئوبامانىڭ ياردەمچىسى دەپ قارايتتى، ئۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. لېكىن، ھازىر 78 ياشقا كىرگەن بايدېن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نامزات سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئالدىغا كەلدى. بايدېن 40 نەچچە يىل سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزاق كېڭەش پالاتالىق ھاياتى بايدېننىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىنى ياراتقان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك پىرىنسىپاللىققا ئىگە، لېكىن دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جانلىق ئىش قىلىشقا ماھىر، كۆپ يىللاردىن بۇيان بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن.
فىرانسىيەنىڭ داڭلىق گىزىتى لىبىغاسىيون( ئازاتلىقLibération) گىزىتىدە ئاۋانگارت ئۇيغۇر زىيالىي دىلنۇر رەيھان تونۇشتۇرۇلۇپ ماقالە ئىلان قىلىنغان.
ئىلاۋە: ئىلھام مۇئەللىم ماڭا ئالىي مەكتەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىدىن ئىككى مەۋسۇم دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ، مەن ئۇنىڭ جاسارىتى، پاراسىتى ۋە خەتەرگە تولغان ھايات سەمەرىسىگە شاھىت بولغان. ئىلھام توختى مۇئەللىم ئۆمۈرۋايەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇئەللىمنىڭ بىر ماقالىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ماقالە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا بولۇپ، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ماھىيىتىدىن ئىيىتقاندا مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان بولغاچ، مەن مەزكۇر ماقالىدە توغرىسى بويىچە «يەرلىك مىل
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادوۋكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومسسارى، ئۇيغۇر ئنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» قاتارىغا تاللانغان
ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد ستاففىلد 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىدە زىيارەتتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى بۈگۈن بىر ھەقىقىي كۆڭۈلدىشى ۋە دوستىدىن ئايرىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي قىرغىنچىلىقىنى ۋەز-نەسىھەتلىرىدە دائىم تىلغا ئالىدىغان، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا قىلىدىغان ئۇستاز ئۆمەر دۆنگەلئوغلى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئالەمدىن ئۆتتى.
ئاۋال ھەممىڭلارغا تەن ساقلىق ۋە ئامانلىق تىلەيمەن. سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكار قەھرىمانى، ئەزىمىتى پروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋرۇپالىق بىر نەچچە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىدىغان دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بۈگۈندىن 4 يىل بۇرۇن «ئىلھام توختى ھەركەت گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.
2019 – يىلى 21 – دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلدى.
خىتايچە سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2- دىكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سابىق رەئىسى، خىتاي دۆلەتلىك ئىنىرگىيە ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىگە خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرى ئوتتۇرا سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. نۇر بەكرى پاراخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنغان، ئۇنىڭ بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى، پارا ئالغان پۇللىرى مۇسادىرە قىلىنغان. نۇر بەكرى سوت ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، ئەرىز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
24-ئۆكتەبىر، ئىلھام توختى ئەپەندى ياۋروپا پارلامىنتى ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئىلھام توختى مۇئەللىم تېخى يىقىندا ۋاكلاۋ خاۋىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىدى. ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلان قىلغان ياۋروپا پارلامىنتى پىرىزدىنتى داۋىد ساسسولى « بىز بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بەرگىنىمىزدىن ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بىرىشىنى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.
28- سىنتەبىر، گوللاندىديە ئۇترىخت شەھرىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى زالىدا «ئىلھام توختى ھەرىكىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا « پىروفىسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسى» دىگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقيەتلىك تاماملاندى
6- سىنتەبىر، ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەد ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ 60 يىللىق تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەڭگىۋار ئۇستاز مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ھايات سەمەرىلىدىن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىشنى لايىق تاپتۇق. https://www.youtube.com/watch?
تىرامپ ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇر ئاكادىمىكنى ئامرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كىڭىشىدە خىتاي بۆلۈمى دىرىكتورى قىلىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىموۋۇللۇق بىر قەدەم ھىسابلىنىدۇ.
1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە بىر مەزگىللىك قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندى.
2019-يىلى 21- ئىيۇندا شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىلار جەمىيەتى ۋە ئەنقەرە زىيالىلار جەمىيەتى ( Ankara Aydınlar Ocağı ) نىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن ، ئەنقەرە غازى ئۇنۋېرستىتى مەركەز مەكتەپ رايۇنىدا خىتاي جازا لاگىرىدا شەھىد قىلىنغان پىروفېسسور نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غىيابەت جىنازا نامىزى ئوقۇلدى
2019-06-10
1949-يىلى 12-ئايدا خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1966-يىلى خوتەن شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىر مەزگىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئىككىنجى كۈنى ‹بەلكىم 3-كۈنى بولۇشىمۇ مۇمكىن› ئائىلىسىگە ئۆلۈك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىلدى
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 80-يىللاردىكى مۇھەببەت، ئاشىق كۇيلىرىگە رەڭ قوشقان، جان-ئانا قاتارلىق ناخشلىرى بىلەن مودا ناخشا ساھەسنى زىلزىلىگە سالغان ناخشىچى مۇختار نىياز 4-ئىيۇن ئۇرۇمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.