ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-ئېيۇن كانادا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى 21-ئېيۇن كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرى ھىمايىچىلىك قۇرۇلۇشى رەئىسى ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ۋە مەزكۇر ئورگان ئەزالىرىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىگەن ۋە كۆڭۈل بىلدۈرگەن. مەمەت توختى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى يىللاردىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ، كانادانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە […]
مۇھاجرەت
18-ئېيۇن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن؛ توغراق تەييارلىدى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچ نامايىش بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە دۈچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە شۇ كۈنكى نامايىش جەريانىدا، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئەزالىرىدىن تەلغات ئەپەندى، مىجىت ئاكا ۋە يۈسۈپ ھاجىم قاتارلىقلار سىدنېي شەھەر […]
ئانا كەير ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئانا ۋەتەندىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش قىينچىلىقىنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىپ كەلگەن. يېقىندا بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 10-ئېيۇن 7-ئېيۇن شەنبە كۈنى ۋېرگىنىيە شتاتىنىڭ فاير فاكس شەھىرىدە ئانا كەير ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى بىلەن ۋېرگىنىيە ئادىمىيەت فوندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تۇنجى نۆۋەتلىك يېپەك يولى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. سەنئەت پائالىيەتلىرى: يەرمەنكىدە ئازەربەيجانلىق ناخشى گۇنەي خانىم تۈرك دۇنياسى ۋە ئازەربەيجانغا بېغىشلىغان ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولغان مەرزىيە ۋە ئادالەت مۇئەللىملىرىنىڭ […]
«مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆيىمىزگە كېلىڭ!» دەپ باشلانغان ئېلان مۇخبىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خەۋەرنى نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر يار Uyghur Hjelpتارقاتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئاۋغۇستنىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بېرگېن شەھرىدە ئۇيغۇرلار بالىلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇرژىكى ئۇيۇشتۇرماقچى ئىكەن. كۇرژىكتا15 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغاي پەرزەنتلەرگە مەشرەپ ئويناشنى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى، مۇزىكا چېلىشنى، مىڭ ئۆي ياساشنى، رەختلەرگە […]
ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فەيرفاكسىدا جايلاشقان مېھرىبان ئانا مەكتىپى پروگرامما دىرېكتورى ئىرادە كاشغەرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەزەربەيجان مەدەنىيەت كۆرىكى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى، 7-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىپەك يولى يارمەنكىسىنى تونۇشتۇردى.
مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بىلەن ۋىرگىنىيە ئادەمىيەت ئىشلىرى فوندى ھەمكارلىشىپ، فايرفاكستا تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر يەرمەنكە مۇزىكا، يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-ئۇسۇل، گۈزەل سەنئەت، مۇكاپاتلىق چەك ۋە ئويۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ماي يازغۇچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە بېغشلانغان يېڭى كىتابى «ئۇلار نىمە دەيدۇ» ماينىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنغان. كىتاپ مۇھاجىرەتتە پەرقلىق يېزىق ئىشلىتىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان. بۇ يېزىق سەۋەپلىك ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە پەرقلىق كىملىك، پەرقلىق ئەدەبىيات، تىل […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى / ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى, 20-ماي مىيۇنخېن، گېرمانىيە – ئەنگىلىيە سوت دەۋاسىدىن كەلگەن يېڭى دەلىللەر گېرمانىيەنىڭ فىنتېك گىگانتى Wirecard نىڭ قاچاق سابىق باشقۇرغۇچىسى ۋە گۇمانلىق رۇسىيە جاسۇسى Jan Marsalek نىڭ خىتاي نامىدا مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنى كۈزىتىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ تەشۋىشلىك ئاشكارىلاش، گىرمانىيە مىللىي ۋە خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە خەۋەر مۇلازىمىتى tagesschau.de […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز، 9-ماي تىرىشچان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھالال ئەمگەك بىلەن ئۆز قەددىنى تىكلەش ۋە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋام قىلماقتا. دانىيار ئەر-ئايال ئۇلارنىڭ تىپىك مىسالى، ئۇلار يەرلىك سىنسىناتى ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ، يەرلىك خەلققە ئۇيغۇرلارنى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادېرسى:15 […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-ماي ئورقۇن تەييارلىدى ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل 24-ئاپرىل كۈنى شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان. تاھىر ھامۇت ئېجتىمائى تاراتقۇدا مۇنداق دىگەن: «بۈگۈن شۋېتسىيەنىڭ ۋاشىڭگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا شۋېتسىيەنىڭ شېئىرىيەت مۇكاپاتى بولغان سىكادا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مېنىڭ شېئىرلىرىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن شۋېتسىيە […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ماي ئۈچ ئۇيغۇر تايلاندتا ئون يىلدىن ئارتۇق ئېغىر تۇتقۇندا تۇرغاندىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىدا جىمجىتقىنا كاناداغا يۆتكەلگەن. بۇ ئۇچۇر تايلاند قانۇن چىقارغۇچىلىرى ۋە ئاكتىپىستلاردىن كەلگەن. بۇ قويۇپ بېرىش تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە دۇنيا بويلاپ غەزەپ قوزغالغاندىن بىر نەچچە ئاي كېيىن يۈز بەردى. قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار خىتايدا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمىسى، ئەسلى مەنبەسى ئامېرىكا ئاۋازى11-مارت ئامېرىكا بىرلەشمە شتاتلار تەۋەسىدە قانۇنسىز يۈرگەن كۆچمەنلەر قاماقتىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن ئىختىيارىي ھالدا دۆلەتنى تەرك ئېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. «CBP Home» ئەپى چەتئەللىكلەرگە ئامېرىكىدىن ئىختىيارىي ئايرىلىشنى تاللاپ، ھازىر دۆلەتتىن چىقىپ كېتىش، كېيىن دۆلەتكە قانۇنىي يوللار بىلەن قايتىپ كېلىپ ئامېرىكا چۈشىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنى تەقدىم قىلماقتا.ئەكسىچە […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئەسلى مەنبەسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى قسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان ئامېرىكا تايلاند ئۇيغۇرلارنى ختايغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، بىر نەچچە قېتىم ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر تايلاندقا بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ بېرىپ، 40 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست نەيرۇلا 14-فېۋرال جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا 12 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ھېكايىسى ۋە ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ […]
15-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگنىېتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە بېسىمى نەتىجىسىدە، ماراكەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسالار ئۇنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى. ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئالغان بۇ قارارى، ماراكەش-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. […]
يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئىسىملىك شەخس ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەيىپلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىدى. تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر پىكىر بايان قىلماقتا ۋە تاراتقۇلار خەۋەر قىلماقتا. جامائەت بۆلۈنمەكتە، كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك 2023-يىلى سەلىم پاشادىكى ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدىمۇ بىغۇبار ئۇيغۇر قىزلىرىغا […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 31-يانۋار ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى-تايلاند تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان ئورگانلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپارلامېنىتغا ئەۋەتكەن پارلامېنىت ئەزالىرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياۋروپا پارلامېنتىغا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا. مەزكۇر ئىنستىتۇت دەسلەپتە، «تايلاند 10 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 48 […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-يانۋار تاھىر ئىمىن: « ئۇيغۇرلار تاكى تولۇق قويۇپ بىرىلمىگۇچە،داۋاملىق خەتەر ئىچىدە.» تايلاند مىللىتى تور بېكىتى بۈگۈن ئىلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ۋە مۇئاۋىن باش منستىرى پۇمتام ۋىچاياچى (Phumtham Wechayachai) ئۆكتىچى پارتىيە ئادالەت پارتىيسى پارلامىنت ئەزاسنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ: «تايلاند ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ئۇيغۇرلارنى ختايغا دەرھال […]