خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۇيۇقسىز فاشىزىمغا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ سېموۋلى بولغان جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قاماپ، خورلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتتى. مەسىلىمىزنىڭ بۇ بۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق رول ئوينىغانلار ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ۋەتەندىكى خىتاي باستۇرۇشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى قەھرىمان قېرىنداشلىرىمىز، دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر غەرب مۇخبىرلىرى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ دەردىگە