بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز يەنە بىر «يۇقۇم». بۇ يۇقۇممۇ ئەجەللىك. ئالدىنقى جۈمەدىن بۇيانقى ئالتە كۈندە ، 51 ئادەم قازا قىلدى ، ئون نەچچە كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئوندىن ئارتۇق شەھرىگە تارقالدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ب د ت ۋەكىلى بۈگۈن سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «‹ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى› غا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايونغا بېرىشغا يول قويۇشقا چاقىردى. خىتاينى «ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» قا چاقىردى.

1- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلۋالغانلىقىنىڭ 71- يىلى، بۇ كۈندە خىتايغا بايرام، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ماتەمدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بىرى، بۇ كۈندە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

يىقىندىن بىرى ئىستانبۇلدا ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، ئىختىيارى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن، يوللاردا نامايىش قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل نامايىش شەكلى بىلەن مىللەت يولىدا داۋا قىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئوتيۈرەك ياشلار ھەممىگە تونۇشلۇق بولسا كىرەك.

بۆلەك زەنجىرىBlockchain ئانالىز شىركىتى Chainalysis ئېلان قىلغان «2020-يىللىق شىفىرلىق پۇل» دوكلاتىغا قارىغاندا ، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى شىفىرلىق پۇل سودا سوممىسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ ، دۇنيادا 29-ئورۇندا ، ئىران ۋە مىسىر بولسا ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 52-ۋە ئىككىنچى 64- ئورۇندا تۇرغان.

ئىستانبۇلدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئائىلىسى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ياشلار بۈگۈن يەنە يېڭىچە بىر پائالىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە تاراتقۇ ۋاستىلىرىغا ختتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا بىگۇناھ قاماققا ئىلىنغان، ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش يولغا چىققان 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش 6-سىنتەبىر ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمىگەن.

ئامېرىكا دىپلومات سىياسىي ژۇرنىلىنىڭ «خىتاي ئۇيغۇر زۇلۇمى مەسىلەسىدە تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشنى پۇلغا سېتىۋالدى» سەرلەۋھەلىك ماقالەسىدا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى ، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ مۇنداق سۆزى نەقىل قىلىنغان:

تۈركىيە ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ ئەنگلىيە رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە قارا دېڭىز رايونىدا زور گاز بايلىقى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايلىق تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە چەتئەلگە تايىنىشنى زور دەرىجىدە ئازلىتىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىشلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋەتەن سىرتىدا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، گېزىت – ژورنال مۇخبىرلىرىغا ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ

بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول – پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى.
پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 10-ئىيۇل ئىيى پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە مەجلىستە مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى» -ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەشكىل قىلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە، كۇرتلارنىڭ خەلق دىموكراتلار پارتېيسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر گەرگەرلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليارد ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە ئىسپات بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى!س