ياپونيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ياپونىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تارو ئاسو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تەيۋەندە چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ياپونىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ.

پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 314 مىڭ 835 كە يېتىپ پۈتۈن دۇنيا بويىچە (ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئېنىقسىز سانلىق مەلۇماتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا) كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋىن بىڭ بۈگۈنكى مۇخپىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا نومۇسسىزلارچە: «ھىندىستانغا ھەرقانداق ياردەم بېرىشقا تەييارمىز، ۋىرۇس پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك.» دېدى.

ئەنگىلىيە رادىئو تورى(BBC) خەۋىرىگە قارىغاندا پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۆيتا شەھىرىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خەۋەردە دېيىلىشچە بۇ پارتلاش خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قەستلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىمالىغا يېقىنكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە خىتاي باش ئەلچىسى يىغىن سەۋەبلىك بۇ مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن.

ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق شوخلا قىيامى ۋە كۆكتات شەربىتى ئىشلەپچىقارغۇچى كاگومې 14- ئاپرېل چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن شوخلا قىيامىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى بولغان شوخلا ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە «يومىئورى شىنبۈن» گېزىتى 16- ئۆكتەبىر مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىكى تەشۋىشلەرگە نىسبەتەن ياپونىيە ئۆز ئۇسۇلى بويىچە تاقابىل تۇرىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە ۋاشنگتوننىڭ ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردىن خىتاي كارخانىلىرىنى چىقىرىۋىتىش پىلانىغا قاتنىشىش ئويى يوق.

رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلار ئاقساراينىڭ سەيشەنبە كۈنى پارلامنېتقا MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە بوئىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «بېلىق ئوۋلاش ئارىسى» (خارپون) ناملىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋاشىنگتون: ھېندىستاننىڭ ئانچە بىلىنمىگەن بىر سىرلىق تىبەت قوشۇنى 58 يىل «سۈكۈتتە» تۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا پەيدا بولدى. ھېندىستاندىكى بىر تىبەت پائالىيەتچى ئاساسلىقى تىبەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ خىل قوشۇننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتكە قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن، يەنى 17- سىنتەبىر تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ (Joseph Wu)، فرانسىيە 24 قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تەھدىتىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىپ كەتكەنلىگى ۋە ئۇرۇش پارتىلاش خەتىرىنىڭ زورايغانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە خەلقئارانىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدىشىنى ئوچۇق تەلەپ قىلغان.

مالايسىيانىڭ ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سەييىد سادىق سەييىد ئابدۇراخمان (Syed Saddiq Syed Abdul Rahman) مالايسىيالىق خىتاي يازغۇچى چيۇ گۇاڭياۋ نىڭ (丘光耀) ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى «رادىكاللار» دەپ سۈپەتلىشىدىن غەزەپلەندى.

مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھادىر 28- سىنتەبىردىكى بىر زىيارەتتە، جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن قارشىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى بىر دوكلاتقا كۆرە، ھىندونوزىيەنىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا سۇس ئىنكاس قايتۇرىشىنىڭ سەۋەبى، قانداقتۇر پەقەت ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشلا بولماستىن، بۇ يەنە كۆپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ئەيىپلەشلىرىگە بولغان گۇمانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشچە، بيجىڭ تەرەپنىڭ قاتتىق بېسمغا قارىماي ،ياپونيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ ياپونيەگە كىرىشى ئۇچۇن ۋېزا بەردى ،رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى ختتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئوساكاغا G20يېغىنىغا قاتنىشىشغا توغرا كەلگەن بولۇپ ،رابيە قادىر بۇ يەردە ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىگە قارشى نامايىش قىلىدۇ.

شىجىنپىڭ روسىيە پىرزىنتى پۇتىن بىلەن كۈرەشكەندىن كېيىن 17-چىسلا تۇيۇقسىز چاۋشىيەن زىيارىتىنى ئاشكارلىدى.شۇنداقلا ئامېرىكا پىرزىنتى دونالىد تىرامپقا تېلفۇن قىلىپ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە ئۆتكۈزۈلدىغان G20 يىغىندا ئۆزى بىلەن كۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .

فىلىپپىندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىۋاتقان مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەت 3- ئاينىڭ 7- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا قارىتا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى»نىڭ دائىرىسىنى بەلگىلىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق باشقا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بۇ بايلىقلىرى مول بولغان بۇ دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىشى كېرەك.