(ۋاشىنگتون)- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان-ت) نارازىلىق نامايىشى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئامېرىكا كونگېرىسى ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر خىتاي كومىتېتىنىڭ (Congressional-Executive Commission on China) رەئىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن (Jim McGovern) ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو روبىئو ( Marco

جەنۋە- ئامېرىكا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان (John J. Sullivan) بۈگۈن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس (António Guterres) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ب د ت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋىلادېمىر ۋورونكوۋ ( Vladimir Voronkov) نىڭ خىتايدىكى شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

2019- يىلى 13-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋېتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىدى. بۇ ئۇچۇردا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن:

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى تۇمارىس ئالماس خانىمنىڭ بىلدۈرشىچە 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ، UHRP ، ۋە UAA نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسى»گە پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ بۇ ئىشقا ساھىپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە قاتناشقان چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۆزلىرىگە ياش ئالغان . ھەربىر ئۇيغۇرغا بىر يەرلىك ھەمرا بولۇپ ، ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ جازا لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆز يىشى بىلەن بايان قىلىشقان . ئالدى كەينى بولۇپ 50 دىن ئارتۇق پارلامىت ئەزالىرىنىڭ ئىشىكى چىكىل

پىرزېدىنت ترامپ «ئەگەر خىتاي رەئىسى بۇ ئايدا ياپونىيە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىگىرمە دۆلەت يىغىندا ئۆزى بىلەن ئۇچراشمىسا، خىتاي ماللىرىغا يەنە يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دەپ تەھدىت سالدى.

كانادادىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق خەۋەر كەلدى. كانادادا ياشاۋاتقان پەرھات قاسىم ئاكىمىزنىڭ ئوغلى مۇستافا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ فېدرال ساقچى بولدى. بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خوشاللىق، ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئىلھام بىغىشلايدىغان بىر خۇش خەۋەردۇر.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودو سەيشەنبە كۈنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاست

2019- يىلى 30- ماي، ئامېرىكىنىڭ موڭغۇلىيە پايتەختى ئولانباتۇردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى رامزان ۋەزىيىتى ھەققىدە رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا تىۋىت يوللىدى. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

«

2019- يىلى 29- ماي، ئامېرىكا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مايكىل براۋىن ئامېرىكا ئاۋازى قانىلىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان خىرسلار ئۈستىدە توختالدى.

23- ماي، باش شىتابى ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئارىم (ARM) ئۆزەك شىركىتى ئامېرىكىنىڭ خۇاۋىي شىركىتىگە چىقارغان چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن، خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋىيانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە تىۋىت يوللىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى رامزان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تىۋىت يوللىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۈۋەندىكىچە:

ئەنگىلىيىنىڭ مۇھاپىزەتچى گېزىتى ۋە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك تور مىدىياسى Bellingcatھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنىشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، 2016 – يىلىدىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان -ت) ئەڭ ئاز بولغاندا 31 مەسچىت ۋە ئىككى تاۋاپگاھنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈردى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇلارغا ئىشەنمەسلىككە، «ئۆسەك سۆزلەرنى» تارقاتماسلىققا چاقىردى.

ئامېرىكا جۈمە كۈنى خىتاينى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بىر مىليوندىن كۆپ، بەلكى ئۈچ مىليونغا يېقىن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى «جازا لاگېرىغا» قامىغان دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارتا ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ قاتتىق ئەيىپلىشىدۇر.

2020-يىللىق پىرزىدىنتلىق سايلىمى تارىختىن بىرىقى ئۆزىنى پىرىزدىنتىلىققا كۆرسەتكەن شەخسلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان سايلام بولۇپ قالىدۇ.دىموكراتلار پارتىيسدىنلا 20 نەپەر كشى ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سودا ئۇرۇشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى تەرەپتىن بولغان ئاكادېمىكلار ئۆزلىرىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.