ئەمەلى ئىلگىرىلەش بولمىسا يىللىق يىغىننى بىكار قىلىش كېرەك؛ ئاپتورلىرى: ھېلېن دې رېنژېرۋې ( Hélène de Rengervé) ئالىي ھىمايىچى، كارخانا مەسئۇلىيەتچانلىقى يالقۇن ئۇلۇغيول (Yalkun Uluyol ) خىتاي تەتقىقاتچىسى بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر چوڭ رەقەملەردىن دېرەك بېرىدۇ: يەنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە 13-ئىيۇن بىرۈكسېلدە پىلانلانغان يىللىق ئنسان […]
دۇنيا
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 6-ئىيۇن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى-قولتۇق دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، خىتاي، روسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە گەۋدىلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، رايون خاراكتېرلىك بىر كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 5-ئېيۇن دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم شۇنداقلا ئامېرىكا پىرەزدىنتى تىرامپنىڭ دوستى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۈنۈمدارلىقى ئىدارسنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق باشلىقى ئىلان ماسك بۈگۈن ئاشكارا ھالدا ترامپقا ھۇجۇم قىلدى، بۇ جىدەل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ئاۋازغا قويۇلغان ترامپ تەشەببۇس قىلغان «چوڭ، گۈزەل قانۇن لايىھىسى»غا قارشى ئىلان ماسكنىڭ نارازىلىقىدىن كەلگەن.ئىلان بۇ قانۇننى […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 4-ئېيۇن ئەلجەزىرە، سۈرىيەنىڭ مۇستەقىل خەۋەر قانىلى لېۋانىت 24 , ۋە ئەنگىلىيەنىڭ رويتىرىس ئاگنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 3500 دىن ئارتۇق چەتئەل جەڭچىلىرىنى—شۇنىڭ ئىچىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP) نىڭ ئۇيغۇر ئەزالىرىنى—ئامېرىكا قوللايدىغان تەشەببۇسنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يېڭى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەسىگە بىرلەشتۈرىدۇ، دەپ خەۋەر قىلدى Reuters دۈشەنبە كۈنى. بۇ جەڭچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، شوڭقار تەييارلىدى 29-ماي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماركو رۇبىئو 28-ماي مۇنداق ئېلان قىلدى: ئامېرىكا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋىزىلىرىنى بىكار قىلىدۇ. بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار ياكى ئالاھىدە ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا 277 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىدىكى بارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى، 26-ماي ختاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايروپورتى غۇلجىدىن ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچقان. قازاقىستان «فېيشى» ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالمۇتادىن غۇلجىغا قاتنايدىغان خەلقئارا قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. ختاينىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ غۇلجا بىلەن ئالمۇتا ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش […]
ئۇيغۇر ۋاقتى گېزىتى خەۋىرى ئۈرۈمچى، 12-ماي – خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا خىتاي مائارىپ مىنىستىرى خۇاي جىنپېڭ ۋە شىنجاڭ پارتكوم شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشتى. يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان مائارىپ مىنىستىرلىرى ۋە نۇرغۇن مەسئۇللار قاتناشتى. بۇ يىغىن خىتاينىڭ […]
ئنسان ھەقلىرى ئاخباراتى (Human Rights Press) خەۋىرى, 16-ماي «خەلقنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مال-مۈلۈكلەر يا تۈگەپ كەتتى ياكى كېلىدىغان ھەپتىلەردە تۈگەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە… پۈتكۈل نوپۇس يۇقىرى دەرىجىلىك كەسكىن ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلمەكتە» دېدى ب د ت نىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى تەسنىپلاش (IPC) سۇپىسى. IPC نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، […]
تەييارلىغۇچى : توغراق مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە پورتۇگالىيەنىڭ مادېرا شەھرىدە، «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» يەنى «ئۇ ن پ» نىڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى«ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» بولغان. بۇ يىغىنغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرتەشكىلاتى»نىڭ رەئىسلىك ھەيئەت ئەزاسىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇرقۇرۇلتىيىدىن رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا،مۇئاۋىن رەئىسى […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن توغراق تەييارلىغان، 13-ماي 9-ماي كۈنى، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى»، ئىستانبۇل ئەدلىيە مەھكىمىسى، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىرلىكتە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاي پۇقراسى بولغان 7 نەپەر جاسۇسلۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ساقچى ، ئەدلىيە ۋە ژاندارما ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتتە تۈركىيەنىڭ رەقەملىك […]
12-ئاپرېل، 2025 ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان دانىيەلىك ئانتروپولوگ، دوكتور رۇنە ستېنبېرگ، ئىلگىرى بۇ دۆلەتكە كۆپ قېتىم بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، 12-ئاپرېلدا قازاقىستانغا كىرىشتىن چەكلەندى. گلوبال ۋويسېسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى قورداي-دوستلۇق قۇرۇقلۇق چېگرا ئۆتكىلىدە يۈز بەرگەن. ستېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق چېگرا خادىملىرى چەكلەش سەۋەبى […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 12-ماي، 2025 40 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۇرد ئىشچىلار پارتىيسى (پ ك ك)، يېقىندا قورال تاشلاش قارارىنى جاكارلىدى. بۇ قارار، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۇرد مەسىلىسىدە يېڭى بىر سىياسىي باسقۇچنىڭ باشلىنىشىدەك قارالماقتا.پ ك ك -قانۇنسز ۋە تىرورچى تەشكىلات بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىش نەتىجىسدە، ھەرىكەت دائىرسى […]
بۇ دۆلەتلەر ب د ت خەۋپسزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان قارارنامىدە تۈركىيەگە قارشى ئاۋاز تاشلىدى ۋە ياۋروپا ئېتتپاقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بىرلىكتە مەزكۇر قارارىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،17-ئاپرىل ختاي رەئىسى شى ئامېرىكىغا قارشى خەلقئارالىق ئېتتپاقداشلارنى توپلاش ئۈچۈن ئالدىراش دىپلوماتىك ھەرىكەت باشلىدى.مالايسيادا مالايسيا باش منىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ختاي بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن ماڭا ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مالايسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىككى دوستلۇق دۆلەتلەر […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 18-ئاپرېل كورونا ۋىرۇسى ئامېرىكا ۋە دۇنيا خەلقىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز زىيان ۋە ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. دۇنيا خەلقى بۇنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا باشلىغان پەيتتە، سابىق ئاۋام پالاتاسى خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش كومىتېتى باشلىقى مايك گاللاگىر ۋول سترىت ژۇرنىلىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋىرۇسنىڭ لابوراتورىيەدىن كېلىپ چىققانلىقىنى يوشۇرۇشقا قاتناشقان سابىق ساغلاملىق ئىشلىرى […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 18-ئاپرېل ئاق ساراي ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېكىتى ۋە كوۋىد مەخسۇس تور بېكىتىنى ئۆزگەرتىپ لايىھەلەپ، مىلىيونلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇپ، «تەجرىبىخانىدىن چىققان» ناملىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە. بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى سەھىيە، ئەخلاقى ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت جەھەتتىمۇ رىقابەتلىشىشكە باشلىغانلىقىنى […]
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئاپرېل ختاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا جاۋاپ قايتۇردى.خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە %50 باج كىرگۈزۈش تەھدىتىگە قارشى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى» ۋە قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ماللىرىغا قارشى 34% تاموژنا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئاپرىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) پارىژدا داخۇئا تېخنولوگىيە فرانسىيە، خىكۋىژىن فرانسىيە تارماق شركىتى ۋە خۇاۋېي فرانسىيە تارماق شركىتىگە قارشى قانۇنىي شىكايەت تاپشۇردى، بۇ WUC دىن چىققان بايانات بويىچە شىكايەت، مەشھۇر فرانسىيەلىك ئنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى ۋىليام بوردون (بوردون & ئاسسوسىېس) تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئاپرىل ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى ئاخبارات ۋاسىتىسى تاشقى مۇناسىۋەت ژۇرنىلىدا، تۈنۈگۈن تۈركىيەلىك مۇتەخەسسىس ئۆمەر فاروق ئىمزاسىدا «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدا سۈرىيەدىكى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىنىڭ ئەزالىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-مارت پىرەزدىنت بۇيرۇقى؛ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى، ئەركىن ياۋروپا/ئەركىنلىك رادىيوسى ۋە باشقا فېدېرال رادىيو تارقاتقۇچىلارنى باشقۇرىدىغان ئامېرىكا خەلقئارا تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) قاتارلىق يەتتە فېدېرال ئاگېنتلىقنى قىسقارتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىجرائىي بۇيرۇققا ئىمزا قويدى. تەسرگە ئۇچرىغان ئورگانلار: ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى، ئەركىن ياۋروپا/ئەركىنلىك […]