خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەۋەر بۆلۈمى ئەنگىلىيە ب ب س قانىلى ئىشلىگەن مەردان غاپپار توغرۇلۇق خەۋەرگە قارىتا، ب ب س نى « زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ، تۈرمىلەردە قىيناۋاتقان كۆرسىىتىپ قارا چاپلىغان» دەپ رەددىيە بەردى.
ئاپتورلار
مەردان غاپپارنىڭ خەۋەرلىرى ب ب س دا ئىلان قىلىنىشى بىلەن بىللە پۈتكۈل مىدىيانى دىگۈدەك ئۇنىڭ رەسىمى قاپلىدى.
ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىتىر خۇكىستىرا ئەپەندى گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوللاندىيە ئالكمار شەھرىدىكى گۈزەل مەنزىرەلىك بىر دالىدا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىلى زىيارەتكە كەلدى. بۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئوپچە مۇلاقەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
يىلى 26-ئىيۇن جەنۋە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھەقلىرى كېڭىشى مۇتەخەسىسلىرى خىتايدىكى يادرولۇق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشقا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى
گوللاندىيە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۆلەت تىرىتورىيەسى تەخمىنەن 41 مىڭ 865 كىۋادىرات كىلومىتىر، نوپوسى 17 يىرىم مىلىيون ئەتراپىدا ھىسابلىنىدۇ. گوللاندىيەنىڭ كىلىماتى نەم، يىللىق يامغۇرلۇق كۈن 170 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، سىم-سىم يامغۇر كۆپ، قار ئاز ياغىدۇ. يازدا كۈندۈز ۋاقتى 18 سائەتكە قەدەر، قىشتا 8 سائەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەتىيازدا سالقىن، يازدا نەم ئېسسىق، قىشتا شىۋىرغانلىق سوغۇق بولىدۇ.
مۇستەقىللىق- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ كاپالىتى.
يالقۇن ئەنۋەر 29-ئاپرىل چۈشتىن كىين سائەت 3:30 دە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى.ئۆمەر قانات، دىلدار ئەزىز ، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت تەشەببۇس قىلغان، ئابدۇغەنى سابىت،خالمۇرات ئۇيغۇر قاتارلىق 20 گە يېقىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان «ئۇيغۇرنى ئاڭلا» ئىجتىمائى تاراتقۇ ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. يىللاردىن بېرى،ئارسلان ھىدايەت ئىجتىمائى تاراتقۇسدا مۇنداق دېگەن: خەلقئارا تاراتقۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسمۇ، يېتەرلىك ھەرىكەتكە ئۆتكىنى يوق، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا ئۆزگىچە ئاڭلىتىش كېرەك. بۇ ئىجتىمائى تاراتقۇ ھەرىكىتى ئاۋازسز شەكىلدە، ئىشارەت ۋە سۆرەتلەر ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇپ،2019-يىلى تېزىمغا ئالدۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە،8 خىلدىن ئارتۇق خەلقئارالىق تىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيتىنى يەتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ،
ئۇيغۇر تارىخىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن تاكى ھازىرقى دەۋرىگىچە بولغان سياسىي، مەدەنىي، دىنىي،ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئىلمىي، تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدىغان «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ناملىق 12 توملۇق مۇپەسسەل ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز 2018-يىلى سىنتەبىردە ماڭا بىر پارچە ئۇيغۇرچە خەتنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى دېگەن ئىدى
تاھىرجان بىلەن ئىككى يىرىم يىلدىن بىرى تونۇشۇپ، دوستلۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كەلدۇق. ئۇنىڭدىكى سەمىمىيەت، تىرىشچانلىق، پىداكارلىققا قايىلمەن!
26- دىكابىر ئەرەبچە «ئاخىرقى خەۋەر » ئاگىنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن غەززە رايونىدىكى دىنىي ئىشلار ۋازارىتى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا شەرقىي تۈركىستاندا چەكتىن ئاشقان زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھىمايە قىلىش، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
15- دىكابىر كەچقۇرۇن، فىرانسىيە پارىژ شەھرىدە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئاممىۋى مەيدان پارتىيەسى قۇرغۇچىسى غافائىل گىلۈكىسمەن بىر ئايدىن بىرى تەييارلىق كۆرۈپ، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق كىچىسى» ئۆتكۈزۈلگەن. بىز بۇھەقتە كىچىلىكنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن دىلنۇرنى زىيارەت قىلدۇق.
3- دىكابىر، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زور غەلبىگە ئىرىشىپ، قانۇن بولۇپ يۈرگۈزۈلۈشكە ساناقلىقلا كۈن قالدى. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىدە نېمىلەر دىيىلگەن ؟ تۆۋەندە يىغىنچاق مەزمۇنىنى سۇندۇق.
2019- يىلى 4- دىكابىر، ئامرىكا شەرقىي ۋاقتى 3-دىكابىردا، ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ، دىموكراتچىلار پارتىيەسى 221 بىلەت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 185 بىلەت ۋە باشقىلار 1 بىلەن بىلەن قوللاپ ، جەمئىي 407 بىلەتكە ئىرىشىپ، زور غەلبە قازاندى! بۇ تارىخ بىتىگە يىزىلغۇدەك ئالتۇن مىنۇتلار بولۇپ قالغۇسى!
خىتايچە سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2- دىكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سابىق رەئىسى، خىتاي دۆلەتلىك ئىنىرگىيە ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىگە خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرى ئوتتۇرا سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. نۇر بەكرى پاراخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنغان، ئۇنىڭ بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى، پارا ئالغان پۇللىرى مۇسادىرە قىلىنغان. نۇر بەكرى سوت ھۆكۈمىگە رازى بولۇپ، ئەرىز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتۇن تاراتقۇلار ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان مەخپى لاگىرلارنى قايناق مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،ختتاينىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى خۇشى جىن مۇنداق دىدى:ختتاي شنجاڭدا ھەقىقى ئنسانى ھوقۇق بولۇشنى خالايدۇ.ئۇ بولسمۇ كشلەرنىڭ تىچ-خاتىرجەم ھايات كەچۇرۇشدۇر
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قسىم ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش ھەرىكتى »چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئالتە ئايدىن بىرىقى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ختتاي ھاكمىيتىگە قارشى نامايشنى قوللاپ ئاۋاز بىلدۇردى
12- نويابىر، جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز خاتىرە كۈنىدە، گوللاندىيە، گىرمانىيە، بىلگىيە، شىۋىتسىيە، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاۋانگارت ياشلار ۋەكىللىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۋىگىيە ياشلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى. ياشلار قۇرۇلتىيى مەزكۇر بەش دۆلەتتىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ فىدىرال بىرلىكى بولۇپ، ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق دىليار مۇساباي باش كاتىپلىققا سايلاندى.