كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا پاناھلىق بېرىش قانۇن لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا پاناھلىق بېرىش قانۇن لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

 كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا پاناھلىق بېرىش قانۇن لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئۆكتەبىر

25-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا بېلەت تاشلىنىپ خىتاي رېجىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى قارارنامە 258 بېلەتنىڭ قوللىشى ۋە 0 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقلاندى.

مەزكۇر بېلەت تاشلاش يېقىندا كانادا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدىكى كۆچمەنلەر كومىتېتى تەييارلىغان بىر پارچە دوكلات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلتىماس قىلغان. بۇ 2021-يىلىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارنامىگە بېلەت تاشلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىكى بېلەت تاشلىشى ئىكەن.

كانادا يەرلىك خەۋەر قاناللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى (26-ئۆكتەبىر) مونتلىئېر رايون لىبېراللار پارتىيەسىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبېرى(Sameer Zuberi) تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى M-62 نومۇرلۇق دوكلات ئۈستىدە پارلامېنتتا يەنە بىر قېتىم بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، بۇ دوكلاتتا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي رېجىمىدىن قېچىپ چىقىپ تۈركىيە قاتارلىق ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 10 مىڭ كىشىگە پاناھلىق بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىمنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى 160تىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار كانادا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا «بىز مۇساپىر» دېگەن خەتلەر بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ كانادا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارارنامىنى ماقۇللىشى ئۈچۈن نامايىش قىلىدىغانلىقىنى پىلانلىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدىكى تارىخى چېركاۋدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

جۈ ئۆكتەبىر 28 , 2022
شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدىكى تارىخى چېركاۋدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like