ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق خەتتات، فوتوگراف، نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنىڭ مۇقاۋسنى لايىھەلىگۈچى قاينام جاپپار 6-دىكابىر ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
قاينام جاپپار ئىلگىرى شىنجاڭ قانۇنچىلىك گېزىتىدە فوتوگراف ۋە مۇخبىر بولۇپ ئشلىگەن.
ئۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە ۋەتەن مەنزىرىلىرى ساھەسىدە كۆرگەزمە ۋە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.
2009-يىلى قەتلىئامغا ئايلانغان ئۈرۈمچى 5-ئېيۇل ۋەقەسى پارتىلىغاندىن كىين، قاينام جاپپار ئەپەندى 3 – سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ۋە بۇ ۋەقە ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر بىز »تور بېكىتى ئارقىلىق ئەركىن ئاسيا رادىئوسىغا يەتكۈزۈلۈپ،ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئامېرىكىدا تۇرىدىغان ئۇيغۇر خەتتات ۋە فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى مۇنداق دىدى:
قاينام جاپپار مەن بىلەن دەۋرداش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ غول ۋەكىلىدىن بىرى. ئۇ خەتتاتلىق ھاياتىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھەرخىل ھۆسن خەت ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىپ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ تەئىلىق، رۇقىئى ، سۇلۇس ۋە جەللى سۇلۇس نۇسخىلىرىدا يازغان ھۆسن خەت ئەسەرلىرى تولىمۇ ئۆزگىچە ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ يازغان جەللى سۇلۇس خەت نۇسخىسىدىكى خەتلەر بەئەينى قاينامنى ئەسلىتەتتى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى يىتۈك خەتتات قاينام جاپپار ئۇيغۇرچە كىتاب- ژۇرنال ، گېزىتلەرنىڭ ناملىرىنى، شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئىسىملىرىنى جەلبكار خەتلەردە يېزىپ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئىدى. ئەينى يىللىرى ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى تەرەققىي قىلغان چاغلاردا ئۇ يازغان ئارمان ، ئىخلاس قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ماركا ناملىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى كوچا- رەستىلەردە جۇلالىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان ئىدى.ئۇ يەنە كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەرۈك قىممەتلىك بايلىقى قۇتادغۇبىلىكنى پۈتۈن كىتاب بويىچە ھۆسن خەتتە يازغان ئىدى. مەن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇ بىلدۈرۈمەن! ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!