بىر دەۋىرنىڭ موللىسى _ شاپتۇل داموللا

تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ

«شاپتۇل داموللا» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇناپىق» دەپ تونۇلغان ئابدۇغوپۇر داموللا _ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە مەشھۇر بىر ئۆلىما ۋە دىنچى سۈپتىدە تونۇلغان بىر كىشىدۇ. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇ شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە تۆمۈر سىجاڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش ئارقىلىق زىددىيەت ۋە تەپرىقىچىلىك تېرىغان. قۇتلۇقھاجى شەۋقى، مەمەتئېلى تەۋپىق قاتارلىق مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئۆلتۈرگەن سوۋېت ئىشپىيونى قادىر ھاجى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلغان.

شاپتۇل داموللا ئەينى ۋاقىتتىكى شىڭشىسەي تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ئۆلكە گېزىتى» دە ماقالە ئىلان قىلغان ۋە شىڭشىسەي ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «دۇبەن ئاتىمىز ئادىللىقتا، ئادېمىلىكتە شۇ قەدەر ئېسىل ۋە تەڭدىشى يوق زاتكى، ئەگەر ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەۋەتىدىغان ئىش بولسا چوقۇم شېڭ دۇبەن جانابلىرىنى تاللىغان بولاتتى».

1933- يىلى 7 -ئايدا شاپتۇل داموللا باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ۋەكىل تۆمۈر سىجاڭغا ۋەكالەتەن يەكەندە تۇرىۋاتقان سابىت داموللامنىڭ يېنىغا كىلىدۇ ۋە سابىت داموللامغا «سىلى قەشقەرگە بارمىسىلا، ئۇ يەرگە بېرىشلىرىنىڭ ھاجىتى يوق. سىلى دېگەن بۇ ئەلنىڭ كاتتا بېشى، ئۆزلىرىنى ئۇپراتمىسىلا، سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۆمۈر سىجاڭ ۋە بىز بار» دەپ ۋەز ئېيتىدۇ. سابىت داموللامنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن «كىم ئۇ سابىت دېگەن؟! ئۇنىڭ قەشقەرگە بارىمىز دېگىنى نېمىسى! ماجەنساڭغا تەڭ كىلەلەيمەن دەپ چاغلايدىكەن -دە ئۆزىنى» دەپ غەيۋىتىنى قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاتتىق غەزىپى كەلگەن خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ پىدائىيلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، سولاپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆمۈر سىجاڭ يول مېڭىپ، قەشقەرگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ.

1933- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى سابىت داموللام بىر نەچچە يېقىنلىرى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا، قەشقەردە قازى بولۇپ تۇرىۋاتقان شاپتۇل داموللا يەكەندىكى ئۇ ئىشتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن «ھەرقانداق بىر خوتەنلىك بىلەن جىھات قىلىش پەرىزدۇر» دەپ پەتىۋا بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇرتلىرى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى سابىت داموللام ۋە يېقىنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، نەزەربەنت قىلىدۇ. ئەسكەرلىرىنى قۇرالسىزلاندۇرىدۇ.

شاپتۇل داموللا شىڭشىسەي تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ئىمتىيازلىق كىشى بولۇپ، قەشقەردە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئويۇشمىسى» نىڭ رەئىسى بولغان. 1935- يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكە بويىچە ئېچىلغان ئىككىنجى قېتىملىق «ئاۋام قۇرۇلتىيى» غا قاتناشقان. قەشقەرگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىده ئىخلاسى ھەققىده سۆزلەپ يۈرگەن ھەم شېڭ شىسەينىڭ «ئالتە بۈيۈك سىياسىتى» نى تەشۋىق قىلغان.

1936- يىلى 5- ئايدا شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىيسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ: «سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋه زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا-سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇرئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر داموللىنى دەرھال ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىملىقى» نى ئۇقتۇرغان. شېڭشىسەينىڭ بۇ كىشىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلانماقچى بولىۋاتقانلىقىنى پەمىلىگەن مەھمۇت موھىتى (مەھمۇت سىجاڭ) ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان ۋە 5- ئاينىڭ 13- كۈنى كېچىده ئادەم ئەۋەتىپ، قەشقەركونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرى يېنىدىكى تۈمەن دەريا كۆۋرۈكىدە يۇشۇرۇن ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن.

ئارىمىزدا بۇ كىشىنىڭ شاگىرتلىرىدىن يەنە قانچلىك باردۇر – ھە!؟

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى باياناتچىسى ۋاڭ بىن بىن خەلقئارا سوت قارار ھەققىدىكى باياناتى

دۈ يانۋار 29 , 2024
«ختاي خەلقئارا جىنايى ئ‍شلار سوتىنىڭ جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى بۇيرۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» https://x.com/MFA_China/status/1751955164632854822?s=20
ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى باياناتچىسى ۋاڭ بىن بىن خەلقئارا سوت قارار ھەققىدىكى باياناتى

You May Like