«بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى سانى نەشىر قىلىندى

«بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى سانى نەشىر قىلىندى

مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتەندە تەبىئىي پەن ئاممىباپ ژۇرنىلى سۈپىتىدە 40 يىلدىن ئارتۇق نەشىر  قىلىنغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن 2017- يىلىدىن كېيىن نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قالغان ئىدى. قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى تەركىبىدە تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى 50 تىن ئارتۇق پەن – تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرى سۈپىتىدە «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى چەتئەلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قارار قىلىشتى. بۇ خىزمەت ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى پەقەت ئائىلە، تاراتقۇ ۋە نەشرىياتلاردىلا قىسمەن قوللىنىپ قالماي، پەن – تېخنىكا ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېلىھەم ئىلىم ساھەسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك ۋە پاساھەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلىش مەقسەت قىلىندى.

 

تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئايلارچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، مىللىتىمىز مۇھاجىرەت تارىخىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت – «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانىنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى مانا بۈگۈن 21- مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەلدە نەشىر قىلىنغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى تور يۈزىدە ياكى چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايسىز. پات ئارىدا رەسمىي باسما نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
«بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى سانىنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى:
https://drive.google.com/file/d/1cqzs3-EzlwxEReI5sASRwIfDpJlCgDxY/view

 

«بىلىم – كۈچ » ژۇرنىلىغا بېغىشلىما

 

ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقىمىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ھايات – ماماتلىق پەيتلەردە قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەي، خىتايغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىمىزنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، مىللىي ئويغۇنۇشنى كۈچلەندۈرۈپ، مىللىي كىملىكنى ساقلىغان ئاساستا، ئىلىم – پەن ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قابىلىيەتلىك ياشلارنى تەربىيەلەش، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرىدۇر.

 

2020- يىلى 21- مارتتا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى. بۇ ئىنستىتۇتنىڭ تەبىئىي پەن بۆلۈمىدىكى 50 دىن ئارتۇق پەن – تەتقىقاتچىلىرىمىز، ۋەتەندە نەشر قىلىنىشتىن توختاپ قالغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى قوللىنىشچانلىقىنى كېڭەيتىش، مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم – پەننى ئاساس قىلىپ يۈكسىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى ۋەتەن سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

 

«بىلىم – كۈچ» دېگەن بۇ سۆز مەن ئۈچۈن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. چۈنكى ئۇ ماڭا مەرھۇم دادام ئابباس بۇرھاننىڭ «مىللىتىمىزنىڭ قەددىنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ كۆتۈرگىلى بولىدۇ.» دېگەن ئىدىيىسىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن، تەر تۆككەن قىممەتلىك  خاتىرەلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ھاياتلىق ئىلىمىنىڭ ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ۋە ئالىي مۇھەررىر،  مەرھۇم دادام ئابباس بۇرھان (1932-2010)، ۋەتىنىمىزدە پەن ‏- تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى روناق تاپقۇزۇش شۇنداقلا خەلقىمىزنى بىلىم بىلەن كۈچلەندۈرۈپ، مىللىتىمىزنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە، 1980- يىلى «بىلىم – كۈچ » ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، 10 نەچچە يىل مەسئۇل بولۇپ، «بىلىم – كۈچ »، «پەن ۋە تۇرمۇش» قاتارلىق ژۇرناللارنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى. «بىلىم – كۈچ» ئەينى ۋاقىتتا، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ ئىلىم – پەنگە بولغان قىزىقىشىنىڭ قوزغىلىشىدا، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى. بۇ ژۇرنال  ۋەتەندە جەمئىي 400 ساندىن ئارتۇق نەشر قىلىنىپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى توختاپ قالغان بولسىمۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشپ، بۇ ژۇرنالنى چەتئەلدە قايتىدىن نەشر قىلىشى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن دادامغا ئوخشاش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن – تېخنىكىدا قۇدرەت تېپىش ئىستىكىدە يول ئېچىپ ماڭغان بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

 

«بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھاجىرەتتە قايتىدىن نەشر قىلىنىشى، دەل شۇ مەقسەتلىرىمىزگە يېتىشتە خەلقىمىزگە ئىلھام بېرىدىغان ئىجابىي كۈچ بولغۇسى. شۇڭا مەن بۇ ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىشىنى  قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچىلىرىمىزنى بۇرۇنقىدەك يەككە ھالەتتە ئىش قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى تېزرەك قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا، چارىسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقاۋاتقان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىز پەن – تەتقىقاتچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى جان پىدالىق بىلەن ئاقلاشقا چاقىرىمەن.

 

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور رىشات ئابباس (تىببىي دورا تەتقىقات يېتەكچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخىرى رەئىسى)

 

«بىلىم – كۈچ» ژورنىلى ھەققىدە كىرىش سۆز

 

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،

 

بىر قانچە ئاي كوللېكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىمىزنىڭ تۇنجى نەشرى مانا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. مەن ئالدى بىلەن ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلارغا، ئەسەرلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ تۈزىتىپ چىققان ۋە قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەرگەن تەھرىرلەرگە، شۇنداقلا قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى ئىجتىمائىي پەن گۇرۇپپىسىدىكى يېقىندىن ياردەمدە بولغان سەپداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن مەزمۇنى مول، يېڭى ۋە قىزىقارلىق ئەسەرلەرنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىشقا تىرىشتۇق. ژۇرنىلىمىزدا، كوۋىد ۋاكسىنىسى، مېڭە سەكتىسى، دىئابېت كېسىلى، يۇقمايدىغان كېسەللەر قاتارلىق ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك سەرخىل مەزمۇنلارنى ئوقۇيسىز. كۋانت كومپيۇتېرى ۋە  سپىنترونىكس توغرىسىدىكى ئەسەرلەر سىزنى كۋانت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بولغان قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو بىرىكىش ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز. گېن تەھرىرلەش ۋە مۇئ‍ون بىلەن بايقاش سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق زاپاسلاش زۆرۈرلۈكىنى بىلىپ يېتىسىز. كومپيۇتېر ئۆزىكىنىڭ قۇمدىن ياسىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرسۈتۈپ ئۆتىمىز. بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقان ئالىملىرىمىزنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ياش يېتىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز. شۇنداقلا، سىزنىڭ بۇ سانىمىزغا بولغان قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىڭىز بىلەن، كېيىنكى سانلارنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ياخشى چىقىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

 

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پەن – تېخنىكا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ پەن تېخنىكىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشتا، ژۇرنىلىمىزنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور مەمەتئىمىن ئابباس («بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلى باش مۇھەررىرى)

 

تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلىنىشتىنمۇ كۆرەلەيسىز:
https://www.akademiye.org/ug/?p=161681

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي ئېلان قىلغان ئىمبارگۇ تىزىملىكى قارشىلىققا ئۇچرىغان

دۈ مارت 22 , 2021
خىتاي ئېلان قىلغان ئىمبارگۇ تىزىملىكى قارشىلىققا ئۇچرىغان

You May Like