تاھىر ئىمىن: بەش مېنۇتلۇق ئۆزىنى تەڭشەش سۈكۈتلۈك ھەرىكىتى-ئۆز سۆھبەت

تاھىر ئىمىن: بەش مېنۇتلۇق ئۆزىنى تەڭشەش سۈكۈتلۈك ھەرىكىتى-ئۆز سۆھبەت

بەش مىنۇتلۇق ئۆزىنى تەڭشەش ھەرىكىتى:

 

ئۇزاقتىن كىلىمەن، جىمىجىتلىقتا، يېگانە ماڭىمەن.يىراققا كۆز تېكىمەن؛

1-نۇقتىغا كەلدىم، نۇقتام ماڭا ئېنىق؛ مەن ئۆزۈم بىلەن سەمىمى دىئالوگىنى باشلايمەن؛ئۆزۈمگە سۇئالىم بار: مەن كىم؟غايەم نىمە؟ غايىلىرىم ئۈچۈن نىمە قىلىشىم كىرەك؟ بۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بىرىمەن؛

ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلەيمەن:

2-بۇ نۇقتىدا توختايمەن: مەن ئۈچۈن نىمىلەر ئەڭ مۇھىم؟

ئويلىنىمەن، تاھىر ئۈچۈن ھاياتى نشانىدا  ۋە ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىدا قىممەتلىك نەرسلەرنى نۆۋەتتىكى تىز تۇيغۇيۇم بويىچە بىر ئ‍ەسلەيمەن،خاتىرەم بويىچە بىر ئەسلەيمەن؛ئۇنىڭ ئىچىدە،سالامەتلىكىم،قىزىم،مىللىتىم،خىزمىتىم،دوسلىرىم قاتارلىقلار بار.

3-بۇ نۇقتىدا ئوڭغا قارايمەن: مەن ئۈچۈن بارلىق پايدىلىق ۋە ئىجابى نەرسلەرنى تەسەۋۇر قىلىمەن.بۇنىڭدا چەكسز ئاق كۆڭۈللۈكۈم، ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھىم،ھىچكىم تەڭ تۇرالمايدىغان ئىرادەم ۋە جاسارىتىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن؛مەن بىلەن پىكىرلىشىدىغان سەمىمى دوسلار ۋە ياخشى كىشلەرنى ئويلايمەن؛

ئارقىدىن سولغا قارايمەن: مەن ئۈچۈن بارلىق زىيانلىق ۋە سەلبى نەرسلەر، جۈملىدىن مىنى دۈشمەن كۆرگەن كۈچنى خيال قىلىمەن، ۋە ئۆزۈمدىكى يتەرسزلىكلەرنى ئويلايمەن؛ئۇلارنى ھەر زامان بېچىت قىلالايدىغانلىقىمنى تەسەۋرۇر قىلىمەن؛

4-بۇ نۇقتىدا چېكىنىمەن: ئارقىدىن ئۆزۈمدىكى ئاجىزلىقلارنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسلەيمەن ۋە ئارقامغا قايتىمەن

تارىخىمنى ئەسلەيمەن، مۇشەققەتلەر، كەچمشلەردىن تەجرىبە ئىزدەيمەن، خاتا باسقان قەدەملىرىم، پۇشايمانلىرىمنى يادلايمەن؛

5-ئۆزۈمگە يۈزلىنىمەن: 

ئۆزۈمگە نەقەدەر رەھمسزلىك قىلغانلىقىمنى ئەسلەيمەن، ئەمما يۇمشاق  بولۇشۇمنىڭ پۇرستى يوقلۇقىنى بىلىمەن..بىرلا چارە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆزى بىلەن يۈزلىشش، سردىشش، ئۆزىگە ئىلھام بىرىش، ئۆزىگە تەلەپ قويۇش، ئۆزى بىلەن ياخشى دوست بولۇش، ئۆزى بىلەن ھەمكارلىششنىڭ بىرلا چارە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمگە ئ‍ەسلىتىمەن.

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى-ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن ھىندستان دەرۋازىسنى ئاچتى (1)

شە ئۆكتەبىر 29 , 2022
<ئۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرى> ھەيئىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا سياسى پائالىيەت ۋە كۆرۈشۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھىندستان پايتەختى يېڭى دېلھى (New Delhi)گە يېتىپ كەلدى.

You May Like