بېيجىڭدىكى بىر كۆۋرۈككە شى جىنپىڭغا قارشى سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان

بېيجىڭدىكى بىر كۆۋرۈككە شى جىنپىڭغا قارشى سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان

بېيجىڭدىكى بىر كۆۋرۈككە شى جىنپىڭغا قارشى سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-ئۆكتەبىر

ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا تارقالغان رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە بېيجىڭنىڭ شىمالىي ئۈچىنچى ئايلانما تاش يولىغا جايلاشقان «سىتۇڭ كۆۋرۈكى» گە ئىككى دانە ئاق رەڭلىك لوزۇنكىلار ئېسىلغان. بۇ لوزۇنكىلارنىڭ بىرىگە قىزىل رەڭدە مۇنۇ خەتلەر يېزىلغان: « ۋىرۇس تەكشۈرۈشى لازىم ئەمەس، تاماق لازىم؛ كارانتىن لازىم ئەمەس، ئەركىنلىك لازىم؛ يالغانچىلىق لازىم ئەمەس، غۇرۇر لازىم؛ مەدەنىيەت ئىنقىلابى لازىم ئەمەس، ئىسلاھات لازىم؛ داھىي لازىم ئەمەس، بېلەت لازىم؛ قۇل بولمايمىز، پۇقرا بولىمىز؛» يەنە بىرىگە بولسا: « دەرس تاشلاپ، ئىش تاشلاپ دىكتاتور دۆلەت ئوغرىسى شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك.» دېگەن جۈملىلەر يېزىلغان. 

توردا تارقالغان قىسقا ۋىدىئولاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نەق مەيداندىكى ياڭراتقۇدا لوزۇنكىغا يېزىلغان مەزمۇنلار قايتا-قايتا قويۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا كۆۋرۈك ئۈستىدىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە ۋىدىئولار خىتاي تورلىرىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، ئەمما تىۋىتتېر قاتارلىق خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شۇنداقلا خەۋەر قاناللىرىدا تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا

پە ئۆكتەبىر 13 , 2022
سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا

You May Like