بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى ماراكەشنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى ماراكەشنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16-دېكابىر

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى بۈگۈن ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئىدرىس ھەسەننى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى سادىر قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرىپ، خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىش ئىھتىمالى بولغان ئۇيغۇرنى قايتۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى 15-دېكابىر تېۋتتردا ب د ت نىڭ ماراكەشكە خەت يېزىشى ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ب د ت نى بۇ ھەقتە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياخشى پارتىيسى تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇكەممەل « ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى دوكلاتى »ئىلان قىلدى.

يە دېكابىر 19 , 2021
تۈركىيە پارلامىنتتا ئورۇن ئالغان سياسى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ياخشى پارتىيەسى تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئ‍نسان ھەقلىرى دوكلاتى»نى ئىلان قىلدى. ياخشى پارتىيە ئەنقەرەدە ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر دوكلاتنى ئىلان قىلىش ئاخبارات يېغىنىدا، ئىيى پارتىيە باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ لىدىرى، سابىق ئىراق پارلامنىتى ئ‍نسان ھەقلىرى باشلىقى ئەرسات سالىھ، مەزكۇر دوكلاتنى ئ‍شلەشكە قاتناشقان خادىملار ۋە ئۇيغۇر زىيانلانغۇچىلار قاتارلىقلار قاتناشقان.

You May Like