بايدىننىڭ ئوچۇق مىكرافوندا ختاينى «تاجاۋۇزچى» دىگەن سۆزى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-سىنتەبىر

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 4 دۆلەت ئېتتپاقى باشلىقلار يېغىنىغا ئۆزىنىڭ ئۆي شتاتى بولغان دىلاۋۇردا ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ساھىپخانلىق قىلىشى ھسابلىنىدۇ. مەزكۇر يېغىن- ئاسيا-تىچ ئوكيان رايونى بېخەتەرلىكىگە مەركەزلەشكەن.بۇ تۆت دۆلەت: ئامېرىكا،ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندستاندىن ئىبارەت.ختاي بۇ ئېتتپاقنى ئۆزىگە قارشى تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ.

يېغىن جەرياندا بايدىن مۇنداق دىگەن:

«ختاي داۋاملىق تاجاۋزۇچىلىق قىلىپ،ھەدىدىن ئېشپ، پۈتۈن رايوندا بىزنى سىناۋاتىدۇ. بۇ جەنۇبىي ختاي دېڭىزى، شەرقىي ختاي دېڭىزى، جەنۇبىي ختاي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا شۇنداق بولۇپ كەلدى» .

بايدېن يەنە: «ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ ›ئىچكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار’غا دىققەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە مېنىڭ قارىشىمچە، ختاينىڭ مەنپەئەتىنى ئاكتىپ قوغلىشىش ئۈچۈن ئۆزىگە دىپلوماتىك بوشلۇق يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن.

بايدىننىڭ سۆزى-بۇ گۇرۇپپىدىكى ختاي بىلەن زىدىيەتلىششتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاننى قاتتىق بىئارام قىلغان.بۇ ئىككى دۆلەت ئامېرىكا بىلەن ختاي ئوتتۇرسدىكى زىدىدىيەتكە ئارىلىشپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ختاي بىلەن ئېقتسادى مۇناسۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۈركىيە ساقچىلىرى مېيىپ ئايال رىزىۋانگۇل ئابدۇلئەزىز ۋە مۇنەۋەر زېببۇللاھ قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى تۇتقۇن قىلغان

يە سېنتەبىر 22 , 2024
ئىلان قىلغۇچى: ئىھسان شۈكران 21-سىنتەبىر 2024. يىلى 09.ئاينىڭ 18 كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايۇنى كانارىيا مەھەللىسىدە ئولتۇرۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى تۈركىيە ساقچىلىرى سەھەر سائەت 4:00 دە باستۇرۇپ كېرىپ تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ بىرى -رىزىۋانگۇل ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك 27 ياشلىق ئايال كىشى 1. دەرجىلىك مېيىپ، بەلنىڭ ئاستى […]

You May Like