ئايرودۇرۇم ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

تايلاند تۈرمىسىدىن غەلبىلىك قېچىپ چىقىپ مالايسىيا چېگراسىغا كىرگىنىدە مالايسىيادا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان 11 شەرقىي تۈركىستانلىق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇم ساقچىخانىسدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.

تايلاند تۈرمىسىدىن غەلبىلىك قېچىپ چىقىپ مالايسىيا چېگراسىغا كىرگىنىدە مالايسىيادا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان 11 شەرقىي تۈركىستانلىق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇم ساقچىخانىسدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى. بۈگۈن يەنى، 29-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ۋەقپى رەئىسى دوتسېنت، دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ face book ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن بىر يازما دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى. يازمىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە دۆلىتى ۋە مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ ئادالىتى، ھەرقايسى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تۇتقان نازۇك پوزىتسىيەسى نەتىجىسىدە 11 شەرقىي تۈركىستانلىق ساقچىخانىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ يازمىسدا بىلدۈرۈلۈشىچە بۇ 11 ئۇيغۇر، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھۆرمەتلىك سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ بىۋاىستە تەستىقى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن.

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

فرانىسيە دۇنيا گېزىتى: تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار، بېيجىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا

يە دېكابىر 30 , 2018
دۇنيا گېزىتى جۈمە كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر قانچە ماقالە ئېلان قىلدى ، بىر پارچىسى ‹‹خىتاي گۇراگې تۈرمىسىدىكى قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار ››، يەنە بىر پارچىسى

You May Like