ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-ئ‍يۇن

ختاي باش منستىرى لى چياڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە بىر قاتار يېڭى سودا پىلانىنى ئىلان قىلدى

ئاۋسترالىيە باش منستىرى ئانتونى ئالبانىس بۈگۈن ئەكس -تە مۇنداق دىدى:

« ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار-بىزنىڭ مىللى ھېكايىمىزنىڭ مۇھىم قسمى ۋە بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىزنىڭ مۇھىم تەركىۋى.»

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى ختاي لىچىياڭغا قارشى نامايىش ئىلىپ بارغان ختاي ئ‍ۆكتىچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

ئاۋسترالىيەلىك ئۆكتىچى ياش دىرۇۋ پاۋلو ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نامايىش قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى يازدى.ئۇ يەنە ختاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ختاي ژۇرنالستنى لى چىياڭنى كۈتۈۋىلىش يېغىنىغا قاتنىششتىن چەكلىگەن ۋىدىئوسنى تارقاتتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ

سە ئىيۇن 18 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-ئ‍يۇن ختاي باش منستىرى لى چياڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە بىر قاتار يېڭى سودا پىلانىنى ئىلان قىلدى ئاۋسترالىيە باش منستىرى ئانتونى ئالبانىس بۈگۈن ئەكس -تە مۇنداق دىدى: «ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار-بىزنىڭ مىللى ھېكايىمىزنىڭ […]
ئاۋسترالىيە-ختاي

You May Like