ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئۆكتەبىر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلان قىلغان يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2024-يىلى يانۋاردىن ھازىرغىچە 198 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىغان. بۇ 1990-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان سان ئىكەن. سەئۇدى ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە، ئۆلۈم جازاسىنى چەكلەشنى قايتا-قايتا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلى ئۆلۈم […]
تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش-ئۇيغۇر شائىرنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى»ناملىق كىتابى توغىرسدا سۆھبەت پائالىيىتى -ئامېرىكا ۋېرجىنيە شتاتى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بارلىق ۋەتەنداشلار ۋە قىرىنداشلار تەكلىپ قىلىنىدۇ.
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىش يۈرۈشلۈك يازمىلىرى (20-قسم )مەن سۈپەتلىك ۋە سەمىمى خىزمەت قىلغۇچىلارنى مەدھىيلەيمەن. چۈنكى مەن شۇنداق كىشى ۋە بۇنىڭ خەلقىمىزگە ئەھمىيتى زور! ياراملىق بىلىم ئالماق ئاسان ئەمەس،بىلىم ئالغاندىمۇ خىزمەت قىلماق ئاسان ئەمەس..قىلغاندىمۇ ياخشى قىلىش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس..ياخشى قىلغاندىمۇ داۋام قىلىش تېخىمۇ تېخىمۇ ئاسان ئەمەس..داۋام قىلغاندىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا […]
ئۇيغۇر تايمىز ئىنگىلىزچە قانىلى خەۋىرى، 5-ئۆكتەبىر مالايسيا باش منستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم يېقىندا داڭلىق مۇسۇلمان مۇخبىر مەھدى ھەسەننىڭ زىتىئو خەۋەر تور بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ،مۇخبىر ئۇنىڭدىن مۇنداق سورىغان: « نۇرغۇن كىشلەر شنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈز بىرىۋاتقان ئشلارنىمۇ «ئىرقى قىرغىنچىلىق »دەپ ھسابلايدۇ، سز قانداق قارايسز؟ »، ئەنۋەر ئبىراھىم: « مەن قوشۇلمايمەن.» دەپ […]
تەھلىلچىلەر AFP گە «ئىسرائىلنىڭ لىۋاندىكى ھېزبۇللاھقا قارشى ھۇجۇمى تۈركىيە ئۈچۈن خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى. تۈركىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رەقىبى ئىراننىڭ يۈزىگە قارشى رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتەلەيدۇ» دەپ بىلدۈردى. گەرچە ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كەسكىن تەنقىدچىلىرىدىن بىرى بولسمۇ، تۈركىيە تېھران تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلغان ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن شىئە جەڭچى گۇرۇھىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭ رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە […]
شابانانىڭ كۈندىلىك ئېنگلىز تىلى دەرسلىرى ئۇنىڭ كۈنىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى. كابۇلدا ئاپتوبۇس بىلەن دوستلىرى بىلەن خۇسۇسىي كۇرسقا بېرىش، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە كۈلۈش، ھەر كۈنى بىر سائەت يېڭى نەرسە ئۆگىنىش – بۇ تالىبان ئافغانىستاننى ئىگىلىۋالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ھاياتىنى قاپلىغان بوشلۇقتىن قىسقا مۇددەتلىك ئارام ئېلىشتۇر.باشقا بىر دۆلەتتە بولسا، شابانا* كېلەر يىلى […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-سىنتەبىر رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىگە دىپلوماتىيە يوسۇنى بويىچە جاۋاپ قايتۇردى؛ تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 77 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى بىزنى-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. شۇنداق، گەرچە ئەردوغان سۆزىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرىمىزدىن بىرى بولغان 3 […]
نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدىن تەرجىمە: ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ختاينىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلارغا قىلغان زۇلمىغا دىققەت قىلماقتا، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشقا ئۈندەشتە ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانماقتا.جۇلىيەن ئې. بارنېس ۋە كارون دېمىرجىيان دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدېن ھۆكۈمىتىدىن ختاينىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلىرىغا قىلغان زۇلمىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىپ بېسىمنى كۈچەيتمەكتە، ئەمما […]
ئۇيغۇرىئان مەن تۇققانلىرىم، قېزىم ،ئاپىسى، دوسلىرىمنىڭ ئازابىنى ھەر كۈنى يۈدۈپ يۈرىمەن، يىغلايمەن. ئەمما ھەر كۈنى قايغۇلىرىمنى ئورتاقلىششش-مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئازاپلىق. تۈنۈگۈن ئائىلەم (ئاپام ۋە ئىككى ئىنىم، 28 نەپەر تۇققانلىرىمنىڭ قامىلىشى ) دۇچ كەلگەن تۈرمە ۋە ئايرىلىش ئىلىپ كەلگەن روھى ئازاپلار ھەققىدىكى مەزكۇر يازمام 2 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئەكس(تېۋىتتر)دا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-سنتەبىر بۈگۈن ئىلان قىلىنغان ئورگان باياناتىدا مەزكۇر مۇكاپات كومېتىتى مۇنداق دىگەن: «شەخسىي ۋە سىياسىي تارىخنى بىرلەشتۈرگەن، يوقىلىشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق ۋە تىلنىڭ ئاۋازىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا يوقىتىش، مۇھەببەت، ئۈمىد ۋە ھايات قېلىشتەك ئومۇمىي تېمىلارنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئالاھىدە شېئىرلىرى ئۈچۈن، شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە […]
2024-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى نىيوركتىكى يىڭى نۇرلان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرىنى مەركەز قىلغان كىچىك تىپتىكى بىر قۇتلىما ئۆتكۈزۈلدى. قۇتلىما ئامېرىكا چۈشىنى قوغلۇشۇپ 50 يىشىدا 5 پەرزەنتىنى ئىلىپ نىيوركقا 5 دوللار بىلەن كەلگەن ماخمۇت ئاكىنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش بولۇپ، ئۇنىڭغا 5 پەرزەنت، 12 نەۋرە، 5 چەۋرە، كۈيوغۇل، كىلىن ۋە […]
ئىلان قىلغۇچى: ئىھسان شۈكران 21-سىنتەبىر 2024. يىلى 09.ئاينىڭ 18 كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايۇنى كانارىيا مەھەللىسىدە ئولتۇرۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى تۈركىيە ساقچىلىرى سەھەر سائەت 4:00 دە باستۇرۇپ كېرىپ تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ بىرى -رىزىۋانگۇل ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك 27 ياشلىق ئايال كىشى 1. دەرجىلىك مېيىپ، بەلنىڭ ئاستى […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-سىنتەبىر ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 4 دۆلەت ئېتتپاقى باشلىقلار يېغىنىغا ئۆزىنىڭ ئۆي شتاتى بولغان دىلاۋۇردا ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ساھىپخانلىق قىلىشى ھسابلىنىدۇ. مەزكۇر يېغىن- ئاسيا-تىچ ئوكيان رايونى بېخەتەرلىكىگە مەركەزلەشكەن.بۇ تۆت دۆلەت: ئامېرىكا،ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندستاندىن ئىبارەت.ختاي بۇ ئېتتپاقنى ئۆزىگە قارشى تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ. يېغىن جەرياندا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-سىىنتەبىر ياپونىيە نىككى (ئېقتساد )خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سياسى پارتيەسى لىبرال دىموكراتىيە پارتىيەسنىڭ ئۇيغۇر-ئۆزبەك ئەسلىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئارفىيە ئىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ختايغا قارىتا كىشلىك ھوقۇق مەسلىسىدە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.ئۇ بۇ سۆزىنى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن « سدېنى دىئالوگى » مۇنبىرىدە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ ختاينىڭ […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-سنتەبىر دۈشەنبە كۈنى تىك توك (TikTok ) ئۆزىنىڭ خىتايلىق ئانا شىركىتى Bytedance دىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى ئامېرىكا دۆلەت مىقياسىدا چەكلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى سوتتا ئۆزمەيدانىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ۋەقە نېمە ئۈچۈن مۇھىم: تىك توك (TikTok ) ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن بىرى، Bytedance […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-سىنتەبىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىۋىنى ئاغدۇرۇپ يېڭى تۈزۈم تەشكىللەشنى غايە قىلغان ختاي ۋە روسيە باشچىلىقىدىكى بىرىكىس Bricks -كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقىغا ئەزا بولۇشقا قانۇنى شەكىلدە رەسمى دىپلوماتىك ئىلتىماس تاپشۇردى. بىرىكىس يېقىنقى يىللاردا بىر يۈرۈش كۈچلۈك تۈزۈملەرنى يولغا قويماقتا بولۇپ، ئاشكارا ھالدا غەرپكە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، دوللار ئورنىغا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-سىنتەبىر 2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق سايلام مۇنازىرسى ئا ب س تېلىۋىزىيەسى تارقىتشىدا، پىنسلۋانىيە شتاتى پىلادىلفىيە شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى سابىق پىرەزدىنت دونالد تىرامپ بىلەن دىموكراتلار پارتىيسى نامزاتى مۇئاۋىن پىرەزدىنت كامالا ھاررس ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان. سايلام مۇنازىرسى ئاساسەن ئامېرىكا ئىچكى ئشىلىرىغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن بولۇپ، چىگرا ۋە كۆچمەنلىك، پۇل پاخاللىقى ۋە […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-سىنتەبىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئەلفىدار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى HRC57 نۆۋەتلىك سەھنىسدە «تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردىكى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ئاخىرلىششى كىرەك » دىگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق بىرلەشمە ھەرىكەت بولغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتپاقى»نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى […]
1. ئەقىللىق ئادەملەر مەكتەپتە ئۆگىنىشى ياخشى ياكى ناچار بولىشى بىلەن تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش پۈتۈنلەي ئىككى خىل ئىشتۇر، ئوقۇشى ياخشى بولسا تىجارىتى چوقۇم ياخشى بولىشى ناتايىن، تىجارەت قىلىش كاللىنىڭ ئۆتكۈر، ھەرىكەتچان بولىشى، ئويلىغاننى قىلالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. 2. ئىش بېجىرىش قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئادەملەر ئەگەردە پۇل تاپقىلى […]
مەنبەسى: ئۇيغۇر ئسلام مەركىزى 9-ئاينىڭ 7- كۈنى ۋېرگىنيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى» سېتىۋالغان يېڭى مەسجىد ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۆتكۈزدى . بۇ پائالىيەتكە مەركەز ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرى (تېكساس، نىيۇيورۇك، فىلورىدا، پېنسلۋېينىيە) دىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئىسلام […]