ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پاراخورلۇق سەۋەبىدىن قوغلانغان

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پاراخورلۇق سەۋەبىدىن قوغلانغان.

ختاي خەلق تورى مۇنداق خەۋەر قىلغان:

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلانغان: لى پېڭشىن غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئالدىغا كۈچ توپلاپ، «يەتتە بولۇش» بىلەن ھەپىلەشكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەتكە قاتناشقان ۋە شوپۇر مۇلازىمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان؛ تەشكىلگە سەمىمىي-سادىق بولماي، تەشكىل خەت-ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىلەرنى ئەينەن چۈشەندۈرمەي، تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، مەنسەپ سېتىپ، يەرلىكنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئۇزاق مۇددەت بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلغان؛ چىرىكلەشكەن؛ ئاچكۆزلۈك قىلىپ، مەمۇرىيەت بىلەن سودىنى بىرىكتۈرۈپ، يېڭىچە چىرىكلىك بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، كارخانا تىجارىتى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا بەرگەن ھەمدە پاي ھوقۇقى، پاي قاتارلىق نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تەرجىمە: ئ‍ستانبۇل قاتىللىق دىلوسنىڭ باھانەسى: قىين ئاكام مىنى مەجبۇرى قۇرئان كۇرسغا ئەۋەتىتى،ئانام قامالدى، شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈردۈم

پە ئىيۇن 27 , 2024
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ختاي پۇقراسى ھەسەن نۇرنىڭ قاتىللىق گۇماندارلىرى تۇتۇلغاندا ، قېيىن ئاكىسنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىمران ساقچىلارغا مۇنداق دىگەن : «ھەسەن نۇر (تاغام) مېنى تۈركىيەدىكى قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى ، شۇ سەۋەبتىن ئانام- ختايدا جازاغا تارتىلدى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى» 2024-يىلى 21-ئىيۇن زەيتىنبۇرنۇ سۇمېر رايونىدا […]
Çinli eniştesini öldüren zanlıdan ilginç savunma: Beni zorla Kur'un kursuna gönderdi, bu yüzden annem Çin'de hapis yatıyordu

You May Like