ئارگېنتىنا يۇقىرى جىنايى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنىڭ ئ‍اساسنى قوبۇل قىلدى

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى، 23-ئېيۇن

2025-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى جىنايى مەھكىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دېلوسىنى ئېچىش توغرىسىدا تارىخى قارار چىقاردى.

مۇھىم نۇقتىلار:

• دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى  ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرى بۇ دېلونى 2022-يىلى ئاۋغۇستتا باشلىغان.

• مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، قىيناش، كەڭ كۆلەملىك قاماش، سىستېمىلىق زوراۋانلىق، مەجبۇرىي يۇرتىدىن قوغلاش، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر ئۈستىدە ئەرز قىلىنغان.

• بۇ دىلو ئارگېنتىنا قانۇنىنىڭ 118-ماددىسى بويىچە دۇنيا مىقياسىدىكى ئادالەت سستىمىسى ئاساسىدا  ئېچىلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتلار: 

مايكېل پولاك (ئۇيغۇر ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرى رەئىسى):

«بۇ كاسساتسىيە مەھكىمىسىنىڭ تارىخى قارىرى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسى ئېچىلىشى كېرەكلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى قايتا تەشكىللەنگەن مۇرافىئە مەھكىمىسى ھەيئىتىنىڭ بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ.

«بۇ جاسارەتلىك قارار ئارگېنتىنا قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ۋە ئارگېنتىنا دۆلەت قانۇنىنى قوللىنىشتىكى غەرەزسىزلىكىنى قوغدايدۇ.

«خىتاي رېژىمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە مىللىتى ۋە دىنى سەۋەبىدىن قىلغان نومۇسسىزانە ھۇجۇملىرى ئەڭ ئېغىر خەلقئارا جىنايەتلەرگە باراۋەر بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار، مۇخبىرلار، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ياخشى ھۆججەتلەنگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇلارغا ئادالەت يولى ئېچىلمىغان ئىدى. ئارگېنتىنا مەھكىمىلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىلىرىنى سوتلىيالايدىغان بۇ دېلو، مۇداپىئەسىز كىشىلەر ۋە گۇرۇپپىلارغا قارشى ۋەھشىيلىكنىڭ جازاسىز قېلىش ئىمكانىيىتى يوقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

خۇئان نىيېتو (ئارگېنتىنالىق ئادۋوكات):

«كاسساتسىيە مەھكىمىسىنىڭ قارارى  زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قارار ئۇيغۇر  تەشكىلاتلىرىنىڭ جىنايى تەكشۈرۈشتە خۇسۇسىي دەۋاگەر  سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئارگېنتىنادا دۇنيا مىقياسىدىكى ئادالەت ھوقۇقىنىڭ ئارگېنتىنا دۆلەت قانۇنىدا كۆرسىتىلگەندىن باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.  ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئادالەت ئىزدىشىگە ئىمكان بېرىدىغىنى ئارگېنتىنا دۆلەت قانۇنىدۇر.

«بىز مەلۇم قىلىنغان پاكىتلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ پاكىتلارنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇرەككەپ بولۇپ، ئېھتىياتچانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ھەقىقەتنى بېكىتىش، ئادالەتكە ئېرىشىش ۋە قۇربانلارنى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى ئىلگىرىلەش ھەقىقەتەن ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىز دائىم ئىشەنچ باغلايدىغان  سىستېمىسىنىڭ توغرا يۆنىلىشتىكى نۇرغۇن قەدەملىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«بىز ئارگېنتىنا ئادالەت سىستېمىسىنىڭ قۇربانلارنى بىۋاسىتە ئاڭلىشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە جىددىي ھەم ھەرتەرەپلىمە بولۇشى كېرەك بولغان تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىمىز.»

دولقۇن ئىسا (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ۋە دەۋاگەر):

«بۇ قەدەم بىزگە ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ختاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىمىزدىن زور ئۈمىد بېرىدۇ.»

ئۆمەر قانات (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇمى ئىجرائىيە دىرېكتورى):

«كاسساتسىيە مەھكىمىسىنىڭ   جاسارەتلىك ۋە پرىنسىپلىق قارار چىقارغانلىقى ناھايىتى مۇھىم ئ‍شتۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئازاب چېكىۋاتىدۇ، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مەھكىمىنىڭ قارارى  ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېزىلگەن خەلقلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

كانادا ئۇيغۇرلىرى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىدى

دۈ ئىيۇن 23 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-ئېيۇن كانادا شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى 21-ئېيۇن كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرى ھىمايىچىلىك قۇرۇلۇشى رەئىسى ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ۋە مەزكۇر ئورگان ئەزالىرىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەقدىرلىگەن ۋە كۆڭۈل بىلدۈرگەن. مەمەت توختى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى يىللاردىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ، كانادانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە […]
مەمەت توختى

You May Like