دوكلات: ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 300گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بەرگەن

دوكلات: ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 300گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بەرگەن

 دوكلات: ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 300گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بەرگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-مارت

ئارمان

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە قانىلىنىڭ29- مارتتىكى خەۋىرى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجەكتى» ۋە «ئامۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى كومىتېتى» ئالدىنقى ھەپتە « سۈكۈت قىلغاندىن سىرت، ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلەت ھالقىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان» دېگەن تېمىدا دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە 2001-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 292 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغان ياكى قولغا ئالغان.

دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك ئۇسسۇل بويىچە دۆلەت ھالقىغان دەرىجىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: سىفىرلىق كۆزىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ « خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»، « تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» دېگەندەك بەتناملارنى ئاتالمىش «قانۇنلاشتۇرۇپ» ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ياكى قولغا ئېلىش؛ ئىسلام مائارىپ ئورۇنلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پېيىگە چۈشۈش، بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قولغا ئېلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇش؛ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۇرۇشلۇق كىنىشكىسى بەرمەسلىك ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قارا نوپۇس ياكى ئاجىزلار قاتارىغا مەجبۇرلاش ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە مىسىر، ماراكەش، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 6 دۆلەت خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا بىۋاسىتە قاتناشقان دەپ ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 28 دۆلەتنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلات ئاخىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىخەتەرلىك كارىدورى تەسىس قىلىپ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل سېنتەبىردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش» قارار لايىھىسىنى تەستىقلىماقچى

چا مارت 30 , 2022
ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل سېنتەبىردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش» قارار لايىھىسىنى تەستىقلىماقچى

You May Like