ئاق ساراي يېنىدىكى قۇربان ھېيت يىغىسى ۋە كۈلكىسى

2019-يىلى 11-ئاۋغۇست، قەلبىم قېتىغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن ئانا ۋەتەن ھىجران تۇيغۇلۇرىم بىلەن ئۆزۈمنى سۈنئىي خۇش قىلىپ كېلىۋاتقان 21-قۇربان ھېيتىم ئىدى. 11-ئاۋغۇست يەنە كۆز قارچۇقلىرىدىكى ھىجران ۋە كىمدۇر-بىرلىرىنى سېغىنىش، يۇرتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك ئازابلىرىنى يوشۇرۇلمىغان بىرەر يۈز مىللەتداش-قېرىنداشلىرىم بىلەن چىن- سەمىمىي قۇچاقلىشىپ « ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن !» دېيىشكەن كۈنۈم ئىدى.

ئاق ساراي يېنىدىكى قۇربان ھېيت يىغىسى ۋە كۈلكىسى

( قۇربان ھېيت ئەدەبىي خاتىرىسى )

نەبىجان تۇرسۇن

2019-يىلى 11-ئاۋغۇست، قەلبىم قېتىغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن ئانا ۋەتەن ھىجران تۇيغۇلۇرىم بىلەن ئۆزۈمنى سۈنئىي خۇش قىلىپ كېلىۋاتقان 21-قۇربان ھېيتىم ئىدى. 11-ئاۋغۇست يەنە  كۆز قارچۇقلىرىدىكى ھىجران ۋە كىمدۇر-بىرلىرىنى سېغىنىش، يۇرتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك ئازابلىرىنى يوشۇرۇلمىغان بىرەر يۈز  مىللەتداش-قېرىنداشلىرىم بىلەن چىن- سەمىمىي قۇچاقلىشىپ « ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن !» دېيىشكەن كۈنۈم ئىدى. بۇ مېنىڭ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە شانلىق تۆپىلەرنى قوشقان، ئوتتۇرا ئەسىر ئىنسانىيەت جاھالىتىگە يورۇقلۇق نۇرلىرىنى چاچقان ئىبىنسىنا، ئەبۇ رەيھانى برۇنى، ئەلفارابى، ئەلخارەزمى بىلەن ئوخشاش سالاھىيەتتىكى  بۈيۈك ئۇيغۇر-تۈركىي مۇتەپەككۇرلىرى، تىلشۇناس ۋە ئېنسكىلوپېدىستلىرى يۈسۈپ خاس ھاجى بىلەن ماخمۇت قەشقەرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەر سىياسىي مەركىزى-قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى، ئۇيغۇر-تۈرك ۋە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ھەم سىياسەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى قەشقەردىن 11 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋاشىنگتون شەھىرىدە قۇربان ھېيت ساماسىغا جور بولغان كۈنۈم ئىدى! 11-ئاۋغۇست ئۆز نۆۋىتىدە  مېنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىريەرگە جەم بولۇپ، ئىمامنىڭ ئالدىدا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار ئېيتىپ، ئاللاھتىن  ئۆملۈك، بىرلىك، قېرىنداشلىق، مېھرى-مۇھەببەت، ئۈمىدۋارلىق، ئىشەنچ، ئىنسانلارئارا مېھىر ۋە ئۆز خەلقى ھەم قوۋمىغا ھۆرلۈك تىلەپ، يىغلاپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەن قېرىنداشلىرىم بىلەن ئوخشاش نەپەستە يىغا-زار قىلغان كۈنىمۇ ئىدى ! بۇ كۈن مۇتلەق كۆپ قىسمى ياش-ئەۋلادلاردىن تەركىب ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ  ئۇيغۇر دوپپىسىنى ۋە كانۋاي كۆڭلىكىنى چىرايلىق ياراشتۇرۇپ كىيىپ، سەبىي ، پاكىز ۋە ئىمان نۇرلىرى يېغىپ تۇرغان چىرايىدىكى ئەقىللىق كۆزلىرىدىن ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۈممەت سۆيگۈسى بىر گەۋدىلەشكەن ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ، دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ياش ئىمام -ئەنقەرجانغا ئەگىشىپ ئاللاغا يىغلىغان جامائەت بىلەن بىرگە يىغلىغان كۈنۈم ئىدى! بۇ كۈن، ئامېرىكادىكى  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ  ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر  مىللىي كىملىك روھى بىلەن ئىمان روھىنى چەمبەرچاس باغلاش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى قايتا-قايتا تەپەككۇر قىلغان كۈن ئىدى ! يۇقىرىقى ھېسسىياتلىرىمنىڭ ھەممىسى  دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دېموكراتىك دۆلەت-ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتىنىڭ تۇرالغۇسى ۋە مەمۇرىيىتى جايلاشقان ئاقسارايدىن ئانچە يىراق ئەمەس فايىرفاكىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ  زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتى نامىزىنى ئوقۇش ۋە بىرلىكتە كوللېكتىپ ھېيتلىشىش مۇراسىمىدا تۇغۇلدى ! بۈگۈنكى بۇ ھېيت نامىزىدا يىغلىمىغان ۋە كۈلمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر قالمىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ! سەئۇدى ئەرەبىستاندا دىنىي تەربىيە كۆرگەن، ئۆز ۋەتىنىدە ئالىي مەكتەپنىڭ مەلۇم يىللىققىچە ئوقۇپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانى بولمىغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، مەخسۇس 5 يىلدىن ئارتۇق ئەرەب تىلى ۋە ئىلاھىيەت كەسپى ئوقۇغان بۇ ياش ئىمام ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەتراپلىق، كەڭرى بىلىمگە ، دۇنيا سىياسەتلىرى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت، ئۆز تارىخىي ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى بىلىدىغان، ئىنسانىيەتچى، مىللەتپەرۋەر ئۆز ئىماملىرى ھەم ئۆز دىنىي ئەربابلىرىغا نەقەدەر موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. خۇتبى نۇتقىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقى، ئىنسانلارنىڭ مېھرى- مۇھەببىتى، دىندىن ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرى ئارقىلىق زۇلۇم چەككەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ھېسداشلىق كۆرسىتىشلەرنى ، يەنى، ئامېرىكادەك  ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملارنى «توختات!» دەپ زۇلۇم سالغۇچىلارغا توختىماي خىتاب قىلىشلارنى  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى ئىڭراشلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ھەم « جەننەت »ئۇقۇمىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۈمىدۋارلىق روھى ئاتا قىلغان بۇ ياش ئىمام ئۆز ئالدىدا ئىقتىدا قىلىپ ئولتۇرغان، قېرى -ياش، ئەر-ئايال ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە رام قىلدى. ئۇ، ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقىرىپ، ئۆزى باش بولۇپ ساماغا چۈشتى ! ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقلىرىنى ۋە جەڭگىۋار روھى تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدىغان ئەنە شۇ مەردانە ساما ئۇسۇلى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇلۇپ، ئاخىرى بۇ روھتىن قورققۇچىلار، يەنى بۇ خىل روھنىڭ رەقىبلىرى بولغان خىتاي سېھىرگەر سىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن يىللاردىن بۇيان چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقاندا بۇ روھ مانا ئەمدى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قايتىدىن ئوزۇقلانغانىدى. ئەنە شۇ ساما مۇزىكىسى ۋە جەڭگىۋار ساما روھى تېخى 10 مىنۇت ئالدىدا يىغلاپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ئۇيغۇرلارنى كۈلدۈردى ۋە كۆز ياشلىرىنىڭ ئورنىغا كۈلكە نۇرلىرىنى چاقناتتى ! بۇ، ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ كۈلكىسى، مەھكۇملۇق ئازابى ئەمەس بەلكى غالىبلىق ۋە باش ئەگمەسلىك كۈلكىسى ئىدى ! 300 ئادەمنىڭ قېرىنداشلىق قۇچاقلىشىشى ياش ئىمام ئۆز قېرىنداشلىرىنى يىغلىتىپ بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن، بىرمۇ-بىر قېرىنداشلارچە قۇچاقلىشىشقا، ياشلار چوڭلارنى ئالدى بىلەن قۇچاقلاشقا، بىر-بىرىگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تەبرىك سۆزلىرىنى ئېيتىپ بىر-بىرىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىشلار باشلاندى! ھەممە يەرنى تەبرىكلەش ئاۋازلىرى قاپلىدى !ھەممە كۆزلەردىن خۇشاللىق نۇرلىرى، قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك نۇرلىرى چاقنىدى ! شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سۈنئىي  سەلبىي تۇيغۇلىرىغا مەنسۇپ بولغان كۆرەلمەسلىك، ھەسەت ، مەنمەنچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق ھەم تالىشىش ئىللەتلىرىنىڭ  بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چاقماق تېزلىكىدە غايىب بولغاندەك بىلىندى ! چۈنكى، شۇ كۈنى تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا چوڭ-كىچىك ئۇيغۇر، يەنى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىر-بىرى بىلەن سەمىمىي قۇچاقلاشقانىدى ! قۇچاقلىشىشتىن كېيىن كوللېكتىپ ھېيتلىشىپ، بىرلىكتە ھېيت غىزاسىغا ئېغىز تېگىش باشلاندى. بۇ يەردىن ھېچكىمنىڭمۇ كەتكىسى كەلمەيتتى! ھەممە يۈزلەردىن كۈلكە، ھەممە يۈزلەردە ھېيت خۇشاللىقى ۋە مېھرى تۇيغۇسى ياغاتتى ! كىشىلەر بىردەم بولسىمۇ، ئۆز ۋەتىنىدىكى خىتاي لاگېرلىرىدا، برونېۋىكلىرى ۋە چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان ھەربىي-ساقچىلىرى چارلاپ يۈرگەن كوچىلاردا، ھەممە يەرنى قاپلىغان كۆزىتىش ۋە نازارەت ئاپپاراتلىرى ئاستىدا بىچارىلەرچە، قورقۇش، ئەندىشە، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يىغىلىرىدىن خالى بولغاندەك بولدى! بىراق، روشەنكى بۇ بىردەملىك تۇيغۇ ئىدى خالاس! مەنمۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە كۈلدۈم! جامائەت بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلاشقاندا، مەنمۇ ھەممە ئادەمنى قۇچاقلىدىم ! ئۇزۇن يىللار بولۇپتىكەن، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىريەرگە توپلىشىپ بىر-بىرىنى قۇچاقلىمىغانلىقىغا ! شۇنداق قىلىپ بۇ، ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ،بىر-بىرى بىلەن ئۇيغۇرلۇق روھى ۋە چىن قېرىنداشلىق ھېسسىياتى بىلەن قۇچاقلىشىشتەك تارىخ سەھىپىسى پۈتۈلدى ! شۇنى ئەسلىتىش كېرەككى،   ئۇيغۇرلارنىىڭ  ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىپ،روزا ھېيتى ۋە قۇربان  ھېيتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا مىڭ يىلدىن ئاشتى، بۇ ھېيتلار ئۆز نۆۋىتىدە بىر دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنە سۈپىتىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھى دۇنياسى ۋە ھاياتىنىڭ ئاجرالماس قىسمىغا ئايلىنىپ بولغانىدى. دېمەك، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ شەپقەتسىز جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشى بىلەن ھەممە ئۆيدىن، ھەممە ئائىلىدىن چىقىۋاتقان يىغا ئاۋازى ئۇيغۇرلارنى قىسمەتداش قىلغانىدى ! ھەممە ئۇيغۇرنى ئوخشاش يىغلاتقانىدى ! شەپقەتسىز خىتاي سېھىرگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىسىملىك مىللەتنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە كۆيۈمچان، ئۆم ۋە تەقدىرداش قىلىپ تەربىيەلىمەكتە ئىدى! ئۇيغۇرلارنى بىرلىشىشكە، ئۆملىشىشكە، پارچىلانماسلىققا، ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىشقا ئىتتەرمەكتە ئىدى. « رەقىبلىرىمىز بىزنى يىغلىسۇن دەيدۇ،ئەمما بىز ئەكسىچە كۈلىمىز ! » 11-ئاۋغۇستتىكى ئەتىگەندىكى قۇربان ھېيت يىغىسى بىلەن كۈلكىسى شۇ كۈنى ئاخشىمى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرلەشمە قۇربان ھېيت كەچلىك سەنئەت پائالىيىتىگە ئۇلاشتى. مەن پېشقەدەم سۈپىتىدە ئامېرىكادىكى ئوت يۈرەك ياش ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولغان بۇ كەچلىك پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىسى بولدۇم! ياشلار پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى قۇززات ئالتاي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر قانچە مىليون كىشىسىنىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، پاجىئەلىك ۋەزىيەتكە دۇچار بولغان، مىللىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكلىرى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا « ئۇيغۇر ھېيت قىلماسلىقى كېرەك، ماتەم ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتۈشى كېرەك» دەيدىغان قاراشلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: « ئەتىگەندە ھەممىمىز بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدۇق، خۇتبىدىكى تەسىرلىك نۇتۇقتىن ھەممىمىز يىغلىدۇق ، مانا ئەمدى  ھېيت ئۆتكۈزىمىز، ئۇسۇل ئوينايمىز، ناخشا ئېيتىمىز، بۇ ئارقىلىق بىز باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى، روھىمىزنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز، چۈنكى. خىتاي كومپارتىيەسى بىزنى يىغلاپ قاقشىسۇن، ئازابلانسۇن دەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى باش ئەگدۈرۈش، تىز پۈككۈزۈشتۇر! ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىنى قىلىمىز، يەنى يىغلىمايمىز، بىز تىز پۈكمەيمىز، بىز ماتەم تۇتۇش ئەمەس، بەلكى ھېيت ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ناخشىلىرىمىز ۋە مەردانە ئۇسۇللىرىمىز بىلەن تىز پۈكمەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز » دەپ خىتاب قىلدى ھەقىقەتەن، ھېيت-ئايەملەر، مىللىي بايراملار ۋە ياش ئەۋلادلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىمىگە ۋە خاراب قىلىشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي سەنئىتى ئارقىلىق مەنىۋى روھنى كۈچەيتىشنى زۆرۈر ئىدى. قۇززات ئالتاي باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاتناشقان بولۇپ، تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا ئۆز ۋەتىنىدىن، ئاتا-ئانىلىرىدىن، قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن يىراقتا ياشاۋاتقان بۇ ياشلار ساماغا چۈشۈپ، ھېيت كەيپىياتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتى. قۇززات ئالتاي سۆزىدە 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىللىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ھەم ئۆمۈر بويى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئابدۇلھېكىم ئىلتەبىر ئەپەندىدىن ئايرىلغانلىقى ھەم شۇ يەردە ئۇنىڭغا ئاتاپ خەتمۇ-قۇرئان قىلىنغانلىقىنى، كۈنى ئوخشاشلا بۇ جايدا پۈتۈن ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى ھەم ھېيتنى تەبرىكلەنگەنلىكىنى ئەسلەتتى. ئۇ، ياشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىنىڭ بۇرۇن پىلانلانغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇلھېكىم باقى پەرزەنتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان، قەلەم تەۋرىتىپ ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىنى تەربىيەلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەبەدىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى، جۈملىدىن ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن تەر تۆككەن بۇ كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ياشلارنىڭ ھېيتلىق پائالىيىتى ناھايىتى مول سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۆي ئەنئەنىسى بويىچە گىلەم ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپىدە ئولتۇرۇپ، چاي ئىچكەن قىياپەتتە مۇڭلۇق ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ۋە باشقا ناخشىچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتىمۇ يۇقىرى ۋە ئاۋازلىرىمۇ يېقىملىق ئىدى. بۇ يەرگە بىر بىرىدىن تالانتلىق، قابىل ياشلار جەم بولغانىدى! ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر قۇربان ھېيتلىق كەچلىك پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئامېرىكادىكى يەل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مۇزىكا كەسپى ئوقۇغان ناخشىچى ۋە مۇزىكانت شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم كىنولاردا رول ئېلىپ تونۇلغان قەيسەر ئەنۋەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاقسۇدىكى كۈرەشلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەينى ۋاقىتتا ئورۇندىغان «زۆھرە جانىم» ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغاندا زال ئىچىدە ھاياجانلىق چاۋاكلار ياڭرىدى. ئەنە شۇ چاۋاك ياڭراتقانلار ۋە ئۇسۇلغا چۈشكەن ياشلار ئارىسىدا شۇ كۈنى ئەتىگىنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھېيت نامىزىغا ئىماملىق قىلىپ، جامائەتنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا 5 يىل دىنىي ئىلىم ئۆگەنگەن ئەنقەرجانمۇ بار ئىدى. ئەنقەرجان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ياش ئىمام ئەنقەرجان بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆملۈكى، بىرلىكىنى كۈچەيتىشتە، يەنىلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭمۇ سەنئەتنى ۋە مەدەنىيەتنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى خەۋپكە ، يوقىتىلىشقا ئۇچرىغاندا ئۇ ئۆزىدە بار ھەممە نەرسىسىنى ، جۈملىدىن سەنئىتىنىمۇ قوغدىشى، ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ! ھەقىقەتەن، مەزكۇر قۇربان ھېيتلىق سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مەردانە ئۇسۇل ئوينىغان، مەردانە ن ئىشەنچ ھەم كۆپ پىلانلار مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. تېخى 6-7 يىللار ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ھەر جۈمە كۈنى بىر مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇيتتۇق، جۈمەدە دائىم كۆرىدىغان چىرايىدىن مۇلايىملىق ۋە كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان ياش يىگىت ھازىر باشقىچە روھلۇق، ئۆزىگە ئىشىنىش كەيپىياتىدا ئىدى! ئۇ، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئانا تىلى، دىنىي، تارىخى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش، شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرى ۋە دەۋا ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىشنى نىشان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن 11-ئاۋغۇست قۇربان ھېيتى نامىزىدىن كېيىن، ئاشۇ ئامېرىكادا ياشاۋاتقانلىقىغا خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان بىر  قىسىم دوستلار بىلەن بۇ كۈندىكى ھېيت نامىزى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق، بىردەك پىكىرمىز شۇ بولدىكى نۆۋەتتە ئۇيغۇر جامائىتى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ بولغان، ياشلار يېڭىچە تەپەككۇر، يېڭىچە روھ، يېڭى ئىدىيەلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداش ھەرىكەت سېپىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلانماقتا. بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيت نامىزى يېڭى ئۈمىد ۋە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچىلەرنى بەخش ئەتكەن بولۇپ، بۇ ئىشەنچ شۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس نىشان ۋە ئارزۇلىرى ئۈچۈن بولىدىغان كۈرەشلەر ھېچقاچان توختىماستۇر ۋە ئۈزۈلمەستۇر! دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن، 1990-يىللار موسكىۋا

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تەرجىمە: ئادرىيان زىېنز بىلەن سۆھبەت

چا ئاۋغۇست 14 , 2019
2018- يىلى فىۋرالدا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمى شەكىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "قايتا تەربىيەلەش" مەركەزلىرى يوق دەپ بايانات بەرگەن چاغدا گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئۇلارنىڭ بۇ باياناتىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلغانىدى.

You May Like