ئاق پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك: خىتاي  جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەك

خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى مەسلىسىگە ئۇزۇندىن بىرى سۈكۈت قىلىپ كىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ئارقا – ئارقىدىن خىتايغا ئىتراز بىلدۈرۈشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى،2019-يىلى 11-فېۋرال

تەييارلىغۇچى: ئقبال

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى مەسلىسىگە ئۇزۇندىن بىرى سۈكۈت قىلىپ كىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ئارقا – ئارقىدىن خىتايغا ئىتراز بىلدۈرۈشكە باشلىدى. 8-فېۋرال تارقالغان ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپلەر سىياسەتچىلەرنىڭ سىياسى كۈنتەرتىپىگە يول ئاچتى. 9- فېۋرال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامىئاكسۇي خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ۋە ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈمىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەنىدى. 10- فېۋرال خىتاي دائىرلىرى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سىن كۆرنۈشىنى تارقىتىش ئارقىلىق، تۈركىيىنى ئاساسسىز گەپ قىلدى دەپئەيىبلىدى. دىئاسپۇرادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن بۇ ئەھۋالدىن ھەم ھەيران قالغان، ھەم خۇشال بولغان، ھەم ئەندىشە قىلىشقانىدى. بۈگۈن تۈركىيە دۆلەت تىلىۋېزىيە سى TRT نىڭ خەلىقئارالىق قانىلى بولغان TRT WORLD ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ سىن كۆرنۈشىنى شۈبھىلىكدېگەن بولسا، ئارقىدىنلا تۈركىيەدىكى ئاساسلىق تىلىۋېزىيە قاناللاردىن بىرى شۇنداقلا ھۆكۈمەتچى تىلىۋېزىيە قانىلى دەپ قارىلىدىغان A خەۋەر ئاق پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىۋاسىتە تارقاتتى. ئۆمەر چەلىكشەرقى تۈركىستان مەسلىسىنى يىقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت نىڭمۇ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، نۇرغۇن زىيالى، دىنىي زاتلار ، سەنئەتكارلار دىن خەۋەر ئىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، خىتاي دائىرلىرى جازا لاگىرلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى دەۋاتىدۇ. بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەك. 21-ئەسىردە جازا لاگىرلىرى ھەققىدە تالاش تارتىش قىلىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيەرنى سىرىتقا ئىچىشى ،خەلىقئارا جەمىيەتكە قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاب بىرىشى كىرەكدىگەن ئىپادىلەرنى قوللاندى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىسلام دۆلەتلىرى ئاكادېمىسيەن ۋە يازغۇچىلار بىرلىكىدىن خىتايغا چاقىرىق

سە فېۋرال 12 , 2019
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋرىدە مۇخبىرى ياسامىن كاليونجۇ ئوغلۇ ئىسلام دۆلەتلىرى ئاكادېمىسيەن ۋە يازغۇچىلار بىرلىكى رەئىسى تالىپ كۈچۈكجاننىڭ خىتايغا قارشى باياناتىنى ئېلان قىلدى.

You May Like