ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت دۆلەتلەردىن سەھىيە ئەشيالىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش» قانۇن لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-مارت

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىدا 3-مارت بىر تۈرلۈك ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ مەزمۇنىدا ئاساسلىقى «ئەنگلىيە دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىدارىسى» دىن مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق ياكى سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەۋجۇت دەپ قارالغان دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. گەرچە مەزكۇر لايىھىدە خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىستە سۆز قىلغاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىن جەمئىي 36مىليارد 900 مىليون يۈرۈش سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 24 مىليارد 410مىليون يۈرۈشى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. يەنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلات ئومۇمىي ساننىڭ 65% دىن كۆپنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 800 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتكەن. 

ئەنگلىيە يەرلىك خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2021-يىلىدا ئەنگلىيە تەرەپ ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان خىتاي شىركەتلىرىدىن 150مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى كېيىنكى قەدەمدە پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە قانىلى تور بېتى

 تەرجىمىدە: ئۇيغۇر تېكىن

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزيەسى رىياسەتچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

شە مارت 5 , 2022
ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزيەسى رىياسەتچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

You May Like