ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت كاتىپى ماركو رۇبىيو رىيادتا سەئۇدى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسەل بىن فارھان ئال-سەئۇد بىلەن كۆرۈشتى

17-فېۋرال، 2025.

👉 يېقىن شەرق رايونىغا سەپىرى دائىرىسىدە رۇبىيو 17-فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى.

👉 ئىسرائىلىيە-حاماس ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، تەرەپلەر غەززە تەقدىرىگە ئائىت تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

👉 ئامېرىكىنىڭ باش دىپلوماتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

👉 سەئۇدى ئەرەبىستان باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەززەلىكلەرنى رايوندىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى.

👉 ترامپ، ئۆز نۆۋىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۈندەپ كەلمەكتە.

👉 سەئۇدى ئەرەبىستان پەلەستىنگە مۇستەقىللىق بېرىلمىگۈچە ئىسرائىل بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

زېلېنسكىي ياۋروپانى ئۆزىنىڭ «قوراللىق كۈچلىرى»نى قۇرۇشقا چاقىردى

سە فېۋرال 18 , 2025
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي شەنبە كۈنى (15-فېۋرال) ياۋروپانىڭ «ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن مەسىلىلەردە ياۋروپاغا ‹ياق› دېيىش ئېھتىماللىقىنى» نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپانى ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قۇرۇشقا چاقىردى. زېلېنسكىي ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدىكى نۇتقىدا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەدىن كەلگەن داۋاملىق تەھدىت ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى مۇقىمسىزلىق ئالدىدا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەدە «ئۆزىگە تايىنىشى كېرەكلىكى»نى تەكىتلىدى. […]
زېلېنسكىي ياۋروپانى ئۆزىنىڭ «قوراللىق كۈچلىرى»نى قۇرۇشقا چاقىردى

You May Like