تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-05-21
2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋىيانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە تىۋىت يوللىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:
« دىنىي ئەركىنلىك بىزنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىمىزنىڭ بىرى. لېكىن خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا جازا لاگىرلىرىغا سولىنىپ، ئۆز دىنىنى ئەركىن ياشاشتىن مەھرۇم قالماقتا.»
ئەلچىخانا بۇ ئۇچۇرنىڭ ئاستىغا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ۋىيانادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ۋە روشەن ئابباس خانىمنىڭ قېتىلىشى بىلەن « ئۇيغۇرلار: ئۈنسىز دۇنيادىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرى» ناملق پائالىيەتكە جامائەتنى قاتىنىشىشقا دەۋەت قىلغان ئۇچۇرنى يوللىغان. بۇ پائالىيەت 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى ۋىيانادىكى ئامېرىكا ئۆيىدە (Amerika Haus) ئۆتكۈزۈلىدىكەن.