ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئوبزورى: ئامېرىكانىڭ ئەمەس ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى

ئامېرىكانىڭ ئەمەس ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى

ئامېرىكانىڭ ئەمەس ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
 
تېخى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئاتا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزېدېنت نامزاتى، ئۆزىنى تۇرانچى سانايدىغان سىنان ئوغان ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى «كۆپتۈرمە» دېگەن ئىدى. ئۇ بابالا ت ۋ دېگەن قانالدا ئامېرىكانىڭ خىتاينى جازالاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى، تاراتقۇلاردىكى پاجىئەلەرنىڭ كۆپتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. سىنان ئوغان شەرقى تۈركىستانغا بارغان، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇچاقلاشلىرىغا نائىل بولغان بىر كىشى. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلار بىلەن قويۇق دوستلۇقى بار. ئۇ ئەسلى ئەزەربەيجان تۈركلىرىگە مەنسۇپ بىر تەتقىقاتچى.
مىللەتچى سىنان ئوغاننىڭ يالغان گېپى، تۈرك جامائەتچىلىكىگە تارقاتقان خاتا ئۇچۇرى ئۇيغۇرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ تېخى بېسىقماي تۇرۇۋېدى، ئىسلامچى سۇلايمان سويلۇنىڭ زەھەرلىك تىغلىرى يۈرەكلەرنى تىلدى. ئۇنىڭچە ئۇيغۇر مەسىلەسى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى ئىمىش. ئامېرىكا ئۇيغۇر دائىشچىلارنى ئافغانىستاننىڭ خىتاي بىلەن چىگرا رايۇنلارغا يوللىغان ئىمىش.
مەيلى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇپ، ئاغزىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ ئۆزىنى پۈتۈن تۈرك خەلقلەرنىڭ پاسىبانى سانىغان سىنان ئوغان بولسۇن، ياكى ئۇيغۇرنى دائىشچى كۆرسىتىپ، يىراقتىكى خىتاي خوجايىنىغا قاش تاشلاۋاتقان، ئۆزىنى مۇسۇلمان ئۈممەتلەرنىڭ ئاتامانى سانايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمىنىگە داخىل بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۇلايمان سويلۇ بولسۇن ئىككىلىسى بىر. ھازىر ئۇلار تارىختا خىتاينى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان، خىتايغا ئەڭ يېقىنلاشقان، خىتاي بىلەن ئەڭ مۇكەممەل ھەمكارلاشقان، ھەتتا خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى سانايدىغان ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولتۇقىدا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىغا ئىشەنمەيدىغان بۇ زاتلار ئاخىرى بىر تۆشۈككە سىيىدىغان سەپداشلارغا ئايلاندى.
سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇر مەسىلەسىنى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى دەيدۇ، ئۇيغۇرنى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەڭ خەتەرلىك يېرى ئۇ ئۇيغۇر دائىشچىلارنى ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن خىتاي ئافغانىستان چىگراسىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
خوش، ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەگە كىم ئورۇنلاشتۇردى؟ ئۇلار تۈركىيەدىن سۈرىيەگە قانداق بېرىپ قالدى؟ شائىر ئابدۇرەھىم پاراچنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى قانداق قىلىپ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مالايسىيادىن ئىستانبۇلغا كەلدىيۇ، ھىچ يەردە توختىماي ئۇدۇل سۈرىيەگە كېتىپ قالدى؟ ئىستانبۇلدا چىگرادىن كىرگەندە سورالمىدىمۇ داداڭ كىم دەپ؟ سۈرىيە چىگراسىدىن ئۆتكەندە «سەن كىمنىڭ ئوغلى، داداڭ قېنى، رازىلىق خېتى بارمۇ، نەگە ماڭدىڭ، سېنى ئېلىپ ماڭغانلار كىم» دەپ سورالمىدىمۇ قائىدە بويىچە؟ بۇ چىگرادىن كىرگەن ۋە چىققان ھەر قانداق كىشىدىن سورايدىغان سوئاللار ئىدىغۇ؟ ئەگەر شۇ سوئاللار سورالغان بولسا بىچارە بالا قالماسمىدى، ھايات بولماسمىدى، يېنىمىزدا ياشىماسمىدى؟
مەندە 12 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ رەسىمى بار. بۇ بالا 2016-يىلى 10 ياش ۋاقتىدا، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئويناۋاتقان يېرىدىن بىر ماشىنىغا بىلمەي چىقىپ قالغان. ماشىنا ئۇنى ئونلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇپ ئۇدۇل سۈرىيەگە ھەيدەپ بارغان. ئۇ سۈرىيەدە كورتلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن. 2018-يىلى بالىنىڭ دادىسى قاچاقلارغا 4000 دوللار خەجلەپ قايتۇرۇپ كەلدى. مەن قەيسەرىگە 2015-يىلدىن باشلاپ 2018-يىلغىچە ئەڭ ئاز 20 قېتىم بارغاندىمەن. ھەر قېتىم بارسام بالىلارغا دىققەت قىلاتتىم، بىر قېتىم كۆرگەن بالىلار كېلەر قېتىم كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ پاسپورتى بولمىغاچقا مەكتەپ قوبۇل قىلمايتتى، ئۇلار كىملىكسىز بولغاچ ئىنسان سانالمايتتى.
بىر قېتىم قەيسەرىگە بارسام ئالدىنقى قېتىمدا ئۆزىنى ماڭا «ئابدۇلئەزىز» دەپ تونۇشتۇرغان، ئاقپىشماق، بۇلاق كۆزلۈك بىر بالا كۆرۈنمىدى. بالىلاردىن «ئابدۇلئەزىز قېنى؟» دەپ سورۇدۇم. ئۇلارنىڭ جاۋابىنى، جاۋاپ بەرگەندىكى بىغۇبار چىرايىنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن. ئۇلار شۇنچىلىك بىغەم، سەبى، سەمىمىي ئاۋازلار بىلەن، ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ «جەننەتتە!» دەپ جاۋاپ بېرىشتى، خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك. شۇنداق! ئابدۇرېھىم پاراچنىڭ ئوغلىمۇ 13 يېشىدا جەننەتكە سەپەر قىلغان ئىدى.
خوش، ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەگە كىم ئەۋەتتى؟ ئۇلار ئامېرىكادىكى نىيو يوركتىن ئىدلىبقا، سۈرىيەگە كەتتىمۇ تۈركىيەدىكى خاتايدىنمۇ؟ ئۇلارنى ئامېرىكادىكى دېموكراتلار پارتىيەسى ھۆكۈمەتى مالايسىيادىن ئايرۇپىلانلاپ توشۇپ سۈرىيەدىكى كورتلارغا قارشى ئۇرۇشقا سالدىمۇ ياكى تۈركىيەدىكى ئاق پارتىيە ھۆكۈمەتىمۇ؟ نېمە كۆرۈۋاتىسەن سۇلايمان بىز ئۇيغۇرنى؟ ھەي مال، بىزنى بىلمەيدۇ، بىلسىمۇ دېيەلمەيدۇ، دەمسەن قاتىللار؟ بەلكىم سەنلەر ئۆزى كەتتى دەرسەن، سەن خەق توشۇمىساڭ، كۆز يۇممىساڭ، يالاقچىلار ئارقىلىق قۇتراتمىساڭ كېتەمدۇ؟ سېنىڭ چىگرادا تۇرغۇزغىنىڭ ساقچىمۇ سولامچىمۇ؟ سۈرىيە چىگراسىدىكى ئەسكىرىڭ پادىچىمۇ؟ چوڭلارنىغۇ يوللا، سەبى بالىلارنى نېمىگە سولاپ بەردىڭ خەقكە، مانا ئەمدى 2 مىڭدىن ئارتۇق تۇل ئايال ۋە بالا روجاۋادا، ھولدا جاڭگالدا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى نېمە بولىدۇ؟
ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەگە توشۇغان ئامېرىكانىڭ ئەمەس، ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى. ئۇلارنى كورتلارغا قارشى ئۇرۇشقا سالغانمۇ، شۇلارنىڭ قولىغا ئەسىر قىلىپ بەرگەنمۇ، دۆلەتمۇ دۆلەت توشۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قورا جايىدا بېقىپ، مۇناپىقلار ئارقىلىق قۇترۇتۇپ دائىشچىلارنىڭ قاتارىدا دۇنياغا تېرورچى كۆرسەتكەنمۇ ئاق پارتىيەنىڭ ئويۇنى. بەلكىم ئۇلارنى ئافغانىستانغا يوللىغانمۇ سەن خەقنىڭ ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر كۆزۈڭگە دوللار كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتكەنغۇ!
بىز زۇلۇم كۆرۈۋاتقان، قىرغىنچىلىق ئالدىدا تىك تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىزگە كىمنىڭ ئويۇن قۇرغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ئاق پارتىيە ئوينىغان ئۇ ئويۇننى بەش بارمىقىمىزنى ساناشنى بىلگەندەكلا بىلىمىز. خىتاي بىلەن ئاق پارتىيە قانداق شىرىكلەشتى، نېمەلەرنى ئۇتتى، ئۇيغۇرنى قانچە مىليارت دوللارغا ساتتى ئۇنىڭغا ماددى ئىسپاتىمىز يوق، ئەمما بۇ ئويۇننى بىز شاھىت بولغاچقا، بۇ ئويۇندا بىز سەبى بالىلاردىن، قىران ياشلاردىن، مىھرلىك ئانا ۋە قەھرىمان دادىلاردىن مەھرۇم قالغاچقا بىلىمىز. بىز شۇ كەتمەننى تاشلاپ چىققان مەسۇم ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىدىكى قورادىن قانداق چىقىپ، ماشىنالار بىلەن سۈرىيەگە قانداق كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ ئاق پارتىيە قۇرغان ھۆكۈمەت قورۇسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا قانداق تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، قانداق قوغلانغانلىقىنى بىلىمىز. ھەتتا ئۇلارنىڭ قورادىن يىراقتىكى كوچا كويلاردىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۇچراشماسلىقى ئۈچۈن قانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا گەپ قىلغان چېغىدا، كەينىگە تۈرك ئىستىخپاراتىنىڭ قانداق كىرىۋالغانلىقىغا گۇۋاھچى بولغان بىز. شۇڭا دەيمىز، بىز قاپقانغا چۈشتۇق، بۇ قاپقان ئاق پارتىيە قۇرغان قاپقان ئىدى.

 

Uyghur Reporter

Next Post

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى:« ئابدۇۋەلى ئ‍سىملىك ئۇيغۇر خوكڭوڭغا كىرمىدى.كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىزگە تۆھمەت قىلدى».

شە ماي 27 , 2023
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى:« ئابدۇۋەلى ئ‍سىملىك ئۇيغۇر خوكڭوڭغا كىرمىدى.كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىزگە تۆھمەت قىلدى».

You May Like