ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى: بىر پىرەزدىنىت جىنايەتچى سۈپىتىدە رەسمى قولغا ئىلىندى، باش سۈرىتى رەسمگە تارتىلدى، كېپىلىككە قويۇپ بىرىلدى.

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن قسقارتىلما تەرجىمە:

ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى دونالد تىرامپ 24-ئاۋغۇست كەچتە جورجىيا شتاتى فۇلتون ناھىيسى تۈرمىسگە بىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تېزىملاتتى،ئۇ قانۇن بويىچە جىنايەتچى باش سۈرىتى تارتىلىپ،ئارخىۋى تېزىملىنىپ، 20 مېنۇتتىن كىين تۈرمىدىن چىقتى.

تىرامپ 2020-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتىلىق سايلىمىدا سايلام نەتىجىسنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە نەتىجىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.بۇ بىر يۈرۈش ئالاقىدار قانۇنى ئەيىپلەشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تىرامپنىڭ ئادوۋكاتى ئۆتكەن ھەپتە فۇلتون ناھىيسى فىدراتسيە تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن كېڭەشكەن 200 مىڭ دوللارلىق كېپىللىك ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كىين كېپىللىك مەزگىلىدە سوتنى ساقلاشقا قويۇپ بىرىلدى.

تىرامپ تۈرمىدىن چىققاندىن كىين، مۇخبىرلارغا مۇنداق دىدى: «بۇ يەردە يۈز بەرگەنلەر ئادالەتنى مەسخىرە قىلىشتۇر،مەن ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم، مەن ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم. بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.بىزنىڭ ساختا سايلامغا رىقابەت ئىلان قىلىش ھوقۇقىمىز بار.»

ھىچقانداق پىرەزدىنت جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىپ باقمىغان بولۇپ، تىرامپ ھازىر 4 ئوخشمىغان جىنايى دىلودا جەمئى 91 ئايرىم جىنايى قىلمىش ئۈچۈن ئەيىپلەنمەكتە بولۇپ، بۇنىڭ 13ى جورجىيا شتاتىدا.تىرامپنىڭ ياردەمچىلىرى،ئادوۋكاتى بولۇپ باشقا 18 نەپەر كىشىمۇ ئوخشاشلا جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۆرىلەر ئەسلىمىسى: كوممۇنىستلار كىلىۋاتىدۇ…

جۈ ئاۋغۇست 25 , 2023
ئابدۇرەشد ئۇيغۇر تۆرە يىل 1949.يىلى قەشقەر دىيارىدا ئەھۋال جىددىيچىلىك ئىدى. گومىنداڭ خىتاي مەغلۇپ بولۇپ گۇڭسەنداڭ خىتاي ۋەتىنىمىزگە ئاياق باسقان پەيت ئىدى. قەشقەرنىڭ ئاقسۆڭەك باي كاپىتالىستلىرى ئۆرە تۆپە بولۇپ كەتتى. «كوممۇنىستلار دىندارلارنى قىرىۋتىدىكەن. بايلارنىڭ مۈلكىنى تارتىۋالدىكەن» دىگەندەك خەۋەرلەر قەشقەرنى قاپلىغان ئىدى. قەشقەرنىڭ نوپۇزلۇق كىشلىردىن خالىق ئاخۇن باي ئىنىسى ئىبراھىم ئاخۇنغا مۇنداق […]
كوممۇنتسلار كىلىۋاتىدۇ

You May Like