ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسىدا “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى» بۆلۈمى ئېچىلىدۇ. 

ئ‍ەنگىلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەزىز ئ‍ەيسا ئەلكۈن ئەپەندى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات ساھەسىدە ھارماي ئىزلىنىپ كەلگەن بىر زىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئ‍ۆز پائالىيەت دائىرسدە يەنە ئوتتۇرا ئاسيا ۋە تۈركىيە بويلاپ ئىزلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك كىتاپ ۋە ئەسەرلەرنى توپلىغان.

ئۇ مۇنداق بىلدۈرگەن:

«ئ‍ۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى ئېغىر كىرىزىسكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك تارىخىي مىراسلارنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ھەم دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇش مەقسىتىدە كەمىنە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ 40 يىلدىن بۇيان ۋەتەن ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېنىمسىز ئەجىر قىلىپ يىغقان «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى»

(Aziz Isa Elkun Collection)

رەسمى ھالدا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسى (Princeton University Library) بىلەن 3 يىللىق جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە، بۇ ئىش تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇۋپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، سالمىقى كوپ، سۈپىتى يوقىرى ۋە قىممىتى ئالاھىدە بولغان كىتابلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مەخسۇس “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نامىدا ئايرىم كۈتۈپخانا بۆلۈمى ئېچىلىپ ئەبەدىيلىك ساقلاشقا قويۇلدى. نۆۋەتتە “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نى كۈتۈپخانا ئۆلچەملىرى بويىچە رەتلەش، كاتالوگلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر كۈتۈپخانا ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر سلاۋىيان يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، 3 يىلدىن يوقىرى ۋەياكى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان، بۇ ساھەدە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بىر ئاكادېمىك كۈتۈپخانا خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ.

«ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى» نى كەلگۈسىدىكى 3 يىل ئىچىدە كاتالوگلاشتۇرۇش ۋە رەتلەش چىقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخىنى ئۆگىنىدىغان ئاكادېمىكلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم مەنبەلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ تور سەھىپىسىگە قويۇلىدۇ ۋە كىتابلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتە ئەبەدىي ساقلىنىدۇ.

شۇڭا ئاكادېمىك بولغان ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسىدا “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى” نى كاتالوگلاشتۇرۇش ۋە رەتلەشنى خىزمىتىنى ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئىشقا تور ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

جوۋ بايدىن 2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتىلىق سايلام رىقابىتىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

يە ئىيۇل 21 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-ئېيۇل جوۋ بايدىن 27-ئېيۇن كۈنى دونالد تىرامپ بىلەن ئ‍ۆتكۈزگەن سايلام مۇنازىرىسدە كۆرسەتكەن ئىپادىسى ناچار بولغانلىقى، قايتا-قايتا دۇدۇقلىغانلىقى، سۆزلىرىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك دىموكراتلار پارتىيسى رەھبەرلىكى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ بېسمىغا ئۇچراپ، نامزاتلىقتىن چىكىنىشكە چاقىرىلغان ئىدى.ئۇلار بىردەك: جوۋ بايدىن ھازىرقى ئەھۋالدا دونالد تىرامپقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا 11-ئايدىكى سايلامدا، دىموكراتلار ئاق ساراينى، دۆلەت […]
بايدىن چېكىندى

You May Like