ئامېرىكا پنسلۋانىيە شتاتى مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

ۋاشنگىىتون شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان بۇگۇنكى مەسللەر ھەققىدە تەپسلى چۇشەنچە بەردى.

ئامېرىكا پنسلۋانىيە شتاتى مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتى ئاممىۋى لېكسيە قسمى

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شەنبە كەچ پنسلۋانىيە شتاتى ئالىنتاۋىن شەھىرى مۇسۇلمانلار ئۇيۇشمسنىڭ تەشكىللشى بىلەن ئسلام ئاكادېمىيسى يېغىن زالىدا ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

ۋاشنگىىتون شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان بۇگۇنكى مەسللەر ھەققىدە تەپسلى چۇشەنچە بەردى.

يېغىنغا تۇرلۇك دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلار جامائىتى،يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى،كۇبا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسدىن كەلگەن كوممۇنىزىمنىڭ زېيىنىغا ئۇچرىغانلار ۋەكىللىرى ،باشقا دىنى جەمىيەت ۋەكىللىرى بولۇپ،500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بىر يېرىم سائەتكە يېقىن ئىلىپ بىرىلغان لېكسيەدە ئالدى بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۆز باشلاپ ،بۇگۇنكى يېغىن مەقسدىنى تونۇشتۇردى،ئارقىدىن مارىلاند شتاتىدىن كەلگەن ئاكا-سېڭىل ئۇيغۇر قارىلار قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمسنى ئوقۇدى.

خەدىچە ئسملىك ئۇيغۇر قىزى ئۆز-تۇققانلىرىنىڭ كەچۇرمىشلىرىنى سۆزلىدى.

ئارقىدىن رىياسەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئاننى تونۇششتۇرۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلدى.تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان سۇرەتلەر،ھۇججەتلەر ئاساسدا تەييارلانغان ئۇيغۇر مىللى كىملىكى،

مەدەنىيتى ، تارىخى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاپ، نۇقتىلىق ھالدا ختتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سياسەتلىرىنى دىن ، مىللەت، مەدەنىيەت، شەخسلەر، بالىلار نۇقتسدىن مەركەزلىك تونۇشتۇردى.

لېكسيەدىن  كىين ھەر قايسى ۋەكىللەر تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

مەزكۇر ئسلام دىنى جەمئىتى رەئىسى بەشىر بىلال ئەپەندى سۆز قىلىپ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ھادىسلەرگە قارىتا مۇسۇلمانلار قانداق ھەرىكەتكە كىلىشى توغىرسدا سۆز قىلدى،لېكسيەدىن كىينكى دۇئادا جامائەت ھەممىسى كۆز يېغىسى بىلەن دۇئا قىلىشتى.

يېغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى ئاسمجان ئالىنتاۋىندا ياشايدىغان ئۇيغۇر بولۇپ،ئۇ ئۇزۇندىن بىرى يەرلىك مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن كۆپ پىكىرلىشپ،دىنى ئىبادەت ۋە مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن شۇنداقلا جامائەتنىڭ ئشلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي ئوقۇغۇچى، زىيالىيلار مۇستەقىل ئۇيۇشمىسى باياناتى

جۈ مارت 15 , 2019
بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى پاراكەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز.

You May Like