ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن دۆلەت بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماستىن تىك توك ئورگان ھېساباتى ئاچتى

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-فېۋرال

جوۋ بايدىن ئۆز ئوغلى ھانتىر بايدىننىڭ ختايدىكى سودا مۇناسۋىتى سەۋەبلىك، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئ‍ىدى، ئەمما ختاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىېجتىمائ‍ى ئالاقە ۋاستىسى بولغان تىك توكتا ھۆكۈمەت ھېساباتى ئاچتى.

تىك توك-ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئىشلەتكۈچىسى بار بولغان، تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئىېجتىمائ‍ى ئالاقە قورالى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تىك توكنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقات ئىلىپ بارىدىغانلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ختاي ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

2020-يىلىدىن بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەكلەشنى مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تىك توكنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بېسمى سەۋەبلىك مەغلۇب بولغان.

11-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پېرەزدىنتى جوۋ بايدىن تىك توكتا ھېساب ئىچىپ، ياش ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولغان.بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنماقتا.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى (سناتور)جوش خاۋلى مۇنداق دىدى:

«جوۋ بايدىن ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، فېدراتسيە ھۆكۈمەت ئ‍ەزالىرى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ختاينىڭ جاسوسلۇق ئۈچۈن ئ‍شلىتىدىغان ئەپ دىتالىنى ئ‍شلەتكەنلىكىدىن ماختانماقتا.»

تىك توكنىڭ باش شركىتى-ختايدا بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ختايغا قارشى ۋىدىئولىرىنىڭ كۆپلەپ كۆرۈلۈشنى خالىمايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يەنە بىر ئۇيغۇر قانۇنى ماقۇللىدى

پە فېۋرال 15 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-فېۋرال ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئەزاسى ياڭ كىم بىلەن دىموكراتلار پارتىيسى ئەزاسى ئامى بىرا بىرلىكتە تەكلىپ سۇنغان «ئۇيغۇر سياسى ھەرىكىتى قانۇنى 2766» (Uyghur Policy Act (H.R.2766))نى مۇتلەق كۆپ سانلىق 414 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەپ، ئامېرىكا […]
ئامېرىكا-ئۇيغۇر قانۇنى

You May Like