دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ياردەمچىسى:ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىللە (1)
2019-يىلى 16-ئاپرىل،ۋاشنگىتون.
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
ھادسۇن ئېنۇستىتۇتى «ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ ختتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسۋىتى»ناملىق يېغىن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،سۆزلىگۇچىلەر ياۋروپا ئېتتپاقى باش سكرىتارى جەپپە تىرانخولم مىككەلسۇن،ئامېرىكا دۆلەت مۇئاۋىن مۇداپىئە منستىرى راندال سچرايۋىر ،كارنىگ تىچلىق ئنۇستىتۇتىدىن ئاشلى تەللىس ،ھادسۇن تەتقىقاتچىسى توماس داستىر بىرگ ،ھادسۇن تەتقىقاتچىسى لىسەلوت ئودگارد قاتارلىقلار بار،
يېغىن باشلىنىشدا ھادسۇن باش ئىجرائىيە مۇدىرى كەن ۋىينستەيىن سۆز قىلىپ،ختتاينىڭ ئېشۋاتقان تەسرى ھەققىدە ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرزدىنتى مايىك پەنسنىڭ ئوخشاش مۇنبەردە ئامېرىكىنىڭ ختتايغا سياسىتىنى بىلدۇرگەن ئىدى،بۇگۇن ئۇچ تەرەپلىك مۇناسۋەتتە نۇرغۇن خىرسلار مەۋجۇت ،ئامېرىكا بۇ خىل مۇناسۋەتنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە تەرتىپ دائىرسدە قانداق ئىجابى رول ئوينايدىغاندىغانلىقىنى بىلىش مۇھىم تەقەززا دەپ سۆز باشلىدى.
يېغىن ختتاينىڭ ياۋروپا ئېتتپاقىنى ئېقتساد ۋە تېخنىكا ئارقىلىق قانداق جەلىپ قىلىۋاتقانلىقى،ياروپا ئېتتپاقى دۇچ كىلىۋاتقان خىرىسلار،ئامېرىكا ،ختتاي ۋە ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ مۇناسۋەت تەڭپۇڭى قاتارلىقلار ئۇستىدە بولدى،شۇنداقلا ختتاي شەكىللەندۇرۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى،سودا تەھدىتى كۇچلۇك مۇنازىرە قىلىندى.
مۇتەخەسسلەردىن باشقا قاتناشقۇچىلار كۆپ قاتلاملىق بولۇپ،مۇنازىرە قىسمىدا ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان سۇئال سوراپ مۇنداق دىدى:دىققەت قىلىۋاتقانلارغا مەلۇملۇق،نۇرغۇن ئشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا،ختتاي ھۆكۈمىتى كەم بولغاندا 3 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيە لاگىرى -يەنى يېىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا سولىدى،نۇرغۇن كىشلەر ئۆلۇپ كەتمەكتە.جۇملىدىن مىنىڭ 23 نەپەر تۇققىنىم سولاندى ،ئۇلاردىن بىر نەچچىسنىڭ ئۆلۇم خەۋىرىنى ئۆتكەن ئايدا ئاڭلىدىم.سۇئالىم،ئەگەر ياۋروپا ئېتتپاقى ختتاي بىلەن ئېقتسادى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرسا،ختتاينىڭ ئنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا،ختتاينىڭ دىكتاتۇر تۇزۇمىنى كۇچەيتشكە ياردەم بەرگەن بولمامدۇ ؟
كۆرۇش ئادېرسى:بىر سائەت 15 مىنۇت
https://www.hudson.org/events/1677-caught-in-the-crossfire-balancing-eu-relations-with-the-u-s-and-china42019
ياۋروپا ئېتتپاقى باش سېكرىتارى بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
ياۋروپا ئېتتپاقى ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە ناھايتى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ،بار كۇچىمىز بىلەن بۇ خىل ئنسانى ھوقۇققا دەخلى قىلىدىغان ھەرىكەتنى توختىتىش ئۇچۇن تىرىشىمىز،يېقىندا بىز تەكشۇرۇش ئۆمىكى ئەۋەتىپ،ۋەزىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرماقچىمىز،يېقىندا ئۆتكۇزۇلگەن چوڭ يېغىنىمىزدىمۇ بۇنى مۇزاكىرە قىلدۇق.بۇنىڭدىن كىينمۇ بۇ تېمىنى مۇھىم كۇنتەرتىپ قىلىمىز.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مۇئاۋىن منستىرى مۇنداق دىدى:
ئالدى بىلەن ئائىلىڭىز ۋە باشقا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قسمەتلەر ئۇچۇن ھال سورايمەن،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ختتايغا بۇ ھەقتە سۆزلەۋاتىدۇ،مەن ختتاينىڭ ئۇچ مىلىيون ئۇيغۇرنى لاگىرلارغا قانداق سولاپ بولىدىغانلىقىنى ،،شارائىتنىڭ نىمە ئۇچۇن ئاز خەۋەر قىلىنىدىغانلىقنى ئويلاپ بولالمىدىم،ئەمما بۇ ئەمەلىيەت.سۇئالىڭىزغا كەلسەك،ھەر قانداق بىر شركەتنىڭ بۇنداق زۇلۇمغا ياردەم بىرىش ئۇچۇن سودا قىلىشغا سۇكۇت قىلىپ تۇرالمايمىز.بىز بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك،خۇۋاى،زىتىيى قاتارلىق شركەتلەر ختتاي كومپارتىيسنىڭ مۇشۇنداق زۇلۇمنى ئشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بىرىۋاتىدۇ.ئەگەر سز ئۇلار بىلەن سودا قىلسڭىز ،جىنايەتكە ياردەم قىلغان بولسز.بىز باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرگە بۇ ئشلارغىمۇ جىددى مۇئامىلە قىلىشمىز كىرەك.
ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقىنىڭ ساناپ چېقىشچە،بۇگۇنكى نەق مەيداندا،15 نەپەردىن ئارتۇق سالاھىيتى ئېنىق بولمىغان ختتاي شەخسىلىرى بولۇپ،ئۇلاردىن ئۇچى پىكىر قاتناشتۇردى،بىرى ئۆزىنى شنخۇا ئاگېنىتلىقى مۇخىبىرى دەپ تونۇشتۇرۇپ ياۋروپا ئېتتپاقى دۆلەتلىرىدىن يەنە قايسلار ئىتالىيەگە ئەگىشپ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتشنىدۇ دەپ سورىدى،يەنە بىر ختتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ لاگىر ياكى كىشلىك ھوقۇقنى ئېقتسادى تەرەققىيات مەسلىسگە توسالغۇ قىلىۋالماسلىقىنى ئىيتى،ئۇ يەنە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ زور لاگىرلارنى قۇرغان دىدى.ئۇ سۆزىدە:ختتايدىكى يېغىۋىلىش لاگىرى ئەمەس دىدى.ئۇنىڭ سۆزى كۆپچىلىكنى ئىغىر بىئارام قىلدى،رىياسەتچى ئۇنى ئولتۇرۋىلىشقا دەۋەت قىلدى،ھىچكىم ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمىدى.
يېغىندىن كىين ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مۇئاۋىن مسنتىرى تاھىر ئىمىننى چاقىرىپ ئايرىم سۆزلەشتى،ئۇنىڭغا ئامېرىكا دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل كۆڭۇل بۆلىدىغانلىقى ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.بىللە سۈرەتكە چۈشتى ۋە سۇرەتنى تارقاتسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.