ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرى :خىتاي ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ

ئامىركا ئاۋازى تورى

تەرجىمان: ئايخان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرى ئەسپەر تۆتىنچى ئاۋغۇست يەكشەنبە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىتاي تىنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە بېيجىڭنى ئىگىلىۋېلىش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادى,بىلىمى مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلىقى ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى قوراللاندۇرۇش توغرىسىدا ئەيىبلىدى .
ئەسپەر ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك مىنىستىرى بىلەن بىخەتەرلىك يىغىنىدىن كېيىن ، بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز قەتىي ھالدا شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى كونترول قىلىۋالماسلىقى كېرەك. بىز ئىتپاقداش ۋە ھەمراھ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ رايوننىڭ جىددىي بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى ھەل قىلىمىز. ھەر قانداق بىر دۆلەت باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن بۇ رايوندىكى مۇناسىۋەتلەرنى قايتا قۇرماقچى بولىدىكەن ، ئامېرىكا ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : بىز خىتاينىڭ ھەر يەردە باشقىلارنى زورلاپ ، خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان ئۇسۇللار بىلەن مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ئىش ھەرىكەتلىرىگە قەتىي قارشى تۇرىمىز.

ئۇ ھەرىكەتلەر شۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:  دۇنيا ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى قۇراللاندۇرۇش ,ئىگەللىۋېلىش خاراكتېردىكى ئىقتىساد ۋە قەرز بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ھوقۇق سودىسى قىلىش ,دۆلەت قوللىغان بىلىمى مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش.
رويتىرىس ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى:  خىتايىنىڭ دەر- تالاشتا قالغان جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنىي ئاراللارنى ياسىشى ھەمدە ئۇ يەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشى بۇ رايوننى تېخىمۇ بەك خاتىرجەمسىز ۋە جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى .
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو جۈمە كۈنى (ئىككىنچى ئاۋغۇست )بانكوكتا:  خىتاينىڭ نەچچە 10 يىلدىن بۇيانقى ناچار ھەرىكەتلىرى ئەركىن سودىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى دېدى. پومپىيونىڭ باياناتىدىن سەل ئىلگىرى پرېزىدېنت تىرامپ: بىرىنچى سېنتەبىردىن باشلاپ 300 مىليارد قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى 10% ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تىرامپ مۇنداق دېدى: نەچچە 10 يىلدىن بۇيان خىتاي سودىدىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى ، ھازىر ئۇلارنى توختۇتۇش ۋاقتى كەلدى ، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز ۋە قەتىي نىيەتلىك بولۇشىمىز كېرەك.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: خىتتاي پۇلىنىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا بولغان نىسبىتىنىڭ 7 نى بۆسۈپ ئۆتىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟

چا ئاۋغۇست 7 , 2019
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتتايچە تورى خىتتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-07 ئامىركا خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ بىر -بىرىگە توختىماستىن تەھدىت سېلىش ۋە تاموژنا بىجىنى ئاشۇرۇشلىرىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيا بېيجىڭنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىقتىسادى قۇرالىنى ئىشقا سېلىش سالماسلىقى دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي قۇرال بولسا «7» رەقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكدۇر. دۈشەنبە (8-ئاينىڭ 2-كۈنى) كۈنى، […]

You May Like