ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ختايغا 3 كۈنلۈك زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئاۋغۇست

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 2 يىلدا ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ختايدىن بەكرەك تىرشچانلىق قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ختاينىڭ ئالدىغا سالامغا بىرىۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتتىق قول سياسەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ختايغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت قىلدى. ئۇ ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە ختاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئۆز-ئارا ئالاقىنى ساقلاپ قىلىش ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۇلار كەلگۈسى ھەپتىلەردە شى جىنپىڭ بىلەن بايدېن ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن. سۆھبەت جەريانىدا تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز ۋە ھەربىي ئالاقىلەر قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ھىچقانداق تاراتقۇ جەكنىڭ شى بىلەن ئۇچرىششىدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلمىغان.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرغا ئ‍ىرشەلمىدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مۇھىم: كانادا ختاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 100%لىك تاموژنا بىجى ئىلان قىلدى

شە ئاۋغۇست 31 , 2024
بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن ختايدا ئ‍شلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 100%لىك تاموژنا بىجى ئىلان قىلغانىدى. بۇ غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ختايغا قارشى ئېقتسادى ئۇرۇشلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك پەللىسى ھسابلىنىدۇ. غەرپ بۇ ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا ختاينىڭ ئەرزان باھالىق ۋە تېخنىكا ئوغرىلاش ئارقىلىق تەرەققى قىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ غەرپ بازىرىغا كىرىشنى چەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز […]
ئىلىكتىرونلۇق ئاپتوموبىل

You May Like