ئامرىكا خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشى

ئامرىكا-خىتاي مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى.26-ئىيۇل. 2021-يىلى

 

بۈگۈن شۇجاي ۋاقتى 26-ئىيۇل خىتاينىڭ تىيەنجىن شەھىرىدە ئامرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شىرمان خانىم بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى شىې فىڭ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ ئامرىكا پرىزدېنتى جو بايدىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنكى خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشى ئانچە مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى شىي فىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ سوغۇق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.شۇنداقلا بۇ ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئامرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە: ئامرىكا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «رىقابەت، ھەمكارلىق، قارشىلىق» ستراتىگىيىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئامرىكا تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نامى ئاستىدا ئەمەلىيەتتە قارشىلىقنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقىنى، رىقابەتنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ ئەمما خىتايغا بېقىنىدىغان ساھالەردە ھەمكارلىشىپ ،بېقىنمايدىغان ساھەلەردە چەكلىمىلەرنى قويىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. 

يىغىن جەريانىدا خىتاي تەرەپ ئامرىكا ۋەكىللىرىدىن :» نېمىشقا ئامرىكا پۈتۈن دۇنيادىكى خەلققە ۋەكالاتەن سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە؟»دەپ سوئال قويغان.شۇنداقلا ئامرىكىنىڭ خىتاي ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئېچىپ ئۇنى بۇنى دېيىش سالاھىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.  ئامرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، ئامرىكا تەرەپ خىتاي ۋەكىللىرىگە ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان: خوڭكوڭ، ئۇيغۇر. تىبەت مەسىلىرىنى شۇنداقلا تەيۋەن ۋە ۋىرۇس مەنبەسى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قوپغان.مۇئاۋىن مىنىستىر شېرمان خانىم تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: » ئامرىكا ھەرۋاقىت خىتاي بىلەن رىقابەتتە » بولۇشىنى دائىم قارشى ئالىدۇ. لېكىن توقۇنۇشنى ئەسلا ئىستىمەيدۇ 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 4-ئەۋلاد لوگوسغا ئىزاھات

دۈ ئىيۇل 26 , 2021
ئاگېنتلىق -ئامېرىكىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغاندا،سودا ماركىسى ئۈچۈن خەت بەلگىسى ئ‍شلتىلگەن بولۇپ، نورمال ئ‍ئىشلەتكەندە شەكىل ئالماشتۇرۇشىغا دەخلى بولمايدۇ.

You May Like