ئالىملار: 2036-يىلى بىر سەييارە يەر شارىغا سوقۇلۇپ «غايەت زور ئاپەت» كەلتۈرىدۇ

ئالىملار: 2036-يىلى بىر سەييارە يەر شارىغا سوقۇلۇپ «غايەت زور ئاپەت» كەلتۈرىدۇ

بۇ ئۇچۇر 2017-يىلدىن بۇرۇنقى ئىلمىي تەتقىقاتقا ئاساسەن خاتا پەرەز دەپ قارالغان. بۇ پىلانتنىڭ نامى Apophis بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 370 مېتىر. 2004-يىلى ئامېرىكا كىت چوققىسى دۆلەتلىك ئاسترونومىيە پونكىتىدا بايقالغان، شۇ يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاپتوماتىك بەلگە سېلىش قاراۋۇل سېستىمىسى ۋە NEODyS ھەرىكەت ئوربىتىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشتىن كېيىن، 2029-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى يەرشارىغا سوقۇلۇشى مۇمكىن، ئېھتىماللىقى %2.7 بولىدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان. بۇ نۆۋەتتە تورىنو دەرىجە مۆلچەرى ئىچىدە يەرشارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدىكى خەتەر دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتكەن پەرەز. بۇ يەردە تىلغا ئالغان تورىنو دەرىجە مۆلچەرى بولسا ئاسترونوملار ئېھتىماللىق ئىستاتىستىكىسى ۋە مەلۇم بولغان ھەرىكەت ئېنىرگىيە بۇزغۇنچىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ چىقىپ، يەككە ھالدىكى خەتەر قىممىتى ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنى مۆلچەرلەپ چىقىدۇ. ئونىنجى دەرىجىگە بېرىپلا قالسا، يۈزدە-يۈز سوقۇلىدۇ دېگەن گەپ. تەخمىنەن 65 مىليون يىللار ئىلگىرى، كىچىك سەييارە ئەينى ۋاقىتتىكى يەرشارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دىنازاۋۇرلارغا بىر قېتىملىق يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بەرگەن ئىدى. كىچىك سەييارىنىڭ يەرشارىغا سوقۇلۇشى نۆۋەتتە دىنازاۋۇرنىڭ ھالاك بولۇشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، نىسبەتەن ئېتراپ قىلىنغان پەرەز. نەچچە مىليون يىل ئىچىدە، يانار تاغنىڭ پارتلىشى، كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ھادىسىلەر توختىماستىن يەر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتا مېكسىكا قولتۇقى ۋە شىمالى قۇتۇب رايونى ئارىسىدا بىر چوڭ دېڭىز بار بولۇپ، شىمالى ئامېرىكىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇراتتى. كېيىن دېڭىز يۈزىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن كۆپلىگەن قۇرۇقلۇق پەيدا بولدى. ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىلىش كىچىكلەشكە باشلىدى. بۇ ئىلگىرى ئىككى قۇرۇقلۇقتا ياشاپ كۆپەيگەن دىنازاۋۇرلارنى بىر مەيداندا رىقابەتلىشىشكە مەجبۇر قىلدى. 2006-يىلىغا بارغاندا، كۆزىتىش ۋە تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توختاۋسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2029-يىلى Apophis نىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئاساسەن دېگۈدەك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ئەمدى يەنە Apophisنىڭ ئېغىرلىق كۈچى قۇلۇب تۆشۈكىدىن ئۆتكەندە، ئوربىتىسى ئۆزگىرىپ 2036-يىلى يەرشارى بىلەن سوقۇلىدۇ دېگەن قاراش ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئېغىرلىق كۈچى قۇلۇب تۆشۈكى بولسا كىچىك سەييارىگە ئوخشاش ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئالاھىدە رايوندىن ئۆتكەندە، مۆلچەر ئوربىتىسىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئېغىرلىق كۈچ قۇلۇب تۆشۈكىدىن ئۆتسىلا، ئاساسەن مۆلچەردىكى نەتىجىگە ئۇيغۇنلىشىدۇ. ئەگەر بۇ سەييارە يەرشارىغا سوقۇلۇپ قالسا، مەيلى يەريۈزىگە ياكى دېڭىز-ئوكيانغا چۈشسۇن، ئوخشاشلا ئىنسانلارغا غايەت زور بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ غايەت زور ھەرىكەت ئېنىرگىيىسى 110 مىڭ خىروسىما ئاتوم بومبىسى بىلەن تەڭداش كېلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى مال-مۈلۈكى ئېنىقكى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. لېكىن زامان ئاخىرى دېگەن سۆز بۇنىڭغا سەل مۇبالىغە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئىنسانلار بەلكىم باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن بۇ سەييارىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ خەتەردىن ساقلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

داڭلىق شەخسلەرنىڭ مەشھۇر ۋەسىيەت سۆزلىرى

پە ئاپرېل 26 , 2018
داڭلىق شەخسلەرنىڭ مەشھۇر ۋەسىيەت سۆزلىرى

You May Like