ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: دۆلىتىمىز تەۋەسىدە خىتايغا قارشى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي چەكلەيمىز

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر خان مۇتتاقى 5-ئۆكتەبىر تىبەتنىڭ لىنجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان « ھىمالايا تېغىنى چۆرىدىگەن خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان.

سۆھبەتتە مۇتتاقى مۇنداق دېگەن: « ئافغانىستان تەرەپ تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر خىرىس. بىز دۆلىتىمىز تەۋەسىدە خىتاي بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي تۈردە چەكلەيمىز… بىز ئافغانىستاندىكى ھەرقانداق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىمىز.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەرگەن ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، ۋاڭ يى قىلغان سۆزىدە ئافغانىستاننىڭ داۋاملىق تۈردە تېررورىزمغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تەۋەلىكىدىكى «شەرقى تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى» نى تەلتۆكۈس يوقىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ياۋروپا ئېتتپاقى «ئەزەربەيجان ئېتنىك تازىلاش جىنايتى سادىر قىلدى» دەپ ئەيىپلىدى. ئەزەربەيجان قارشى تۇردى

شە ئۆكتەبىر 7 , 2023
تۇرسۇنجان،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 7-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئېتتپاقى بىردەك قارار ماقۇللاپ، «ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنا قارا باغدىكى ئېىتنىك ئەرمەنلەرگە قارشى ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»،« ئەزەربەيجاننىڭ قىلمىشى-ئىتنىك تازىلاش » دەپ ئەيىپلىدى. 19-سىنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجان ئارمىيسى قارا باغدىكى ئەرمەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى ھەربى ھەرىكەت ئىلىپ بىرىپ،  بىر كۈن ئىچىدە رايوندىكى ئەرمەن ھەربى كۈچلىرىنى بويسۇندۇرغان.نەتىجىدە 100 مىڭدىن […]
ياۋروپا ئېتتپاقى

You May Like