ئابدۇۋەلى ئايۇپ: خىتاي كىملەردىن قورقىدۇ

بىر قانچە كۈن بۇرۇن بىر ئەجەم پروفېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ قاراشلىرى ماڭا بەكمۇ يېڭى تۇيۇلدى. پاراڭلار خىتاينىڭ كىملەردىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىغا كۆچكەندە ئۇ بىردىنلا كەسكىنلەشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي غەرپ ئەللىرىدىن قورقمايدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. خىتاينىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىكەن.

ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2019-1-6

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بىر قانچە كۈن بۇرۇن بىر ئەجەم پروفېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ قاراشلىرى ماڭا بەكمۇ يېڭى تۇيۇلدى. پاراڭلار خىتاينىڭ كىملەردىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىغا كۆچكەندە ئۇ بىردىنلا كەسكىنلەشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي غەرپ ئەللىرىدىن قورقمايدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. خىتاينىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىكەن.

 

خىتاي مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ قورقىدۇ، دېگەن قارىشىنى ئۇ مۇنداق دەلىللىدى.

 

1. خىتاي مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان ئىكەن. غەرپنىڭ ئەيىپلەشلىرى خىتاينى راھەتسىز قىلغان بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زور دەخلى يەتكۈزمەيدىكەن. ئەمما ئەگەر خىتاي مەبلەغ سالغان مۇسۇلمان ئەللەردىكى خەلق قوزغىلىپ كەتسە خىتاينىڭ ىفىت بازىلىرى، كانلىرى، تاشيول ۋە تۆمۈر يوللىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ غايەت زور زىيان كېلىپ چىقىدىكەن.

 

2. غەرپتە كىشىلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلسا تىنچلىق بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. ئەمما مۇسۇلمان دۇنياسىدا كىشىلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلسا خىتاينىڭ ئىشچىلىرى، خادىملىرى ۋە ئەلچىخانىلىرىنى نىشانغا ئالىدىكەن. نەتىجىدە خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مىليۇنلىغان خادىملىرى تەھدىت ئىچىدە قالىدىكەن. خىتاي بۇنىڭ جاۋابىنى خەلقىگە بېرىپ بولالمايدىكەن.

 

3. خىتاي ئۆزى يېتىپ بارغان يەرلەردە ھاكىمىيەت بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، بايلار قاتلىمىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ نامراتلارغا، ئادەتتىكى پۇقرالارغا زۇلۇم قىلىدىكەن. مۇسۇلمان ئەللەردىكى مۇستەبىت ئەمەلدارلار ۋە مۇستەبىت پارتىيەلەر خىتاينى ئارقا تىرەك قىلىپ ھاكىمىيەت سۈرىدىكەن. خىتايمۇ بارغانلار يېرىدە مۇستەبىت پارتىيەلەرنى يۆلەيدىكەن. خىتاي ھەمىشە ھاكىمىيەت ئالمىشىپ تۇرىدىغان سىياسىي تۈزۈلمىگە قارشى، كۆپ پارتىيەلىك  ھالەتكە مۇخالىپ ئىددىيەنى پۈۋلەپ يۆلەپ مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدىكەن. ئەگەر مۇنداق ئەللەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقنى قوزغىتىپ قالسا ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرلىشى كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇيغۇر مەسلىسى پىلتە بولۇپ چىققان نامايىش ھاكىمىيەتكە، يولسىزلىققا، مۇستەبىتلىككە قارشى نامايىشقا ئايلىنىپ خىتاي يۆلەۋاتقان ھاكىمىيەت تەختتىن چۈشۈدىكەن.

 

4. مۇسۇلمانلار ئۆزىنى دائىم نامرات قالدۇرۇلغۇچى، ئېزىلگۈچى، زۇلۇم كۆرگۈچى دەپ دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسى پىلتە بولۇپ قالسا زىددىيەت زالىم-مەزلۇم زىددىيىتىگە ئايلىنىپ قېلىشى، پۈتۈن مۇسۇلمانلار قوزغىلىپ خىتاي ماللىرىنى چەكلىشى، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنى سۈرۈپ توقاي قىلىشى، خىتاي كارىغانلىرىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

بۇ پروفېسسور بىلەن بولغان پاراڭدىن كېيىن ئەمەليەتكە قاراپ باقتىم. راست دېگەندەك ھىندونوزىيە مۇسۇلمانلىرى قوزغالغاندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئولتۇرالماي قالدى. خىتاي مەخسۇس ۋەكىل ئەۋەتىپ نامايىشچىلار رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيەدە ئەلى ئەكبەر ھاجىم باشلىغان 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى (ئەمەلىيەتتە خىتاينى) بىسرەمجان قىلىۋەتتى. ئۇيغۇر ئۆلىمالار مۇسۇلمان ئەللەردە تارقىتىلىدىغان قاناللارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلدى. دېمەك ۋەزىيەت ھازىر بىزگە پايدىلىق. بىز ھەرىكەت قىساقلا، ھەممىمىز قولىمىزدىن كەلگەننى قىلساقلا نەتىجە قازىنالايمىز.

 

ھازىرقى ۋەزىيەتتە دەردىمىزنى ئاڭلىتىشتا، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى دۇنيانىڭ دەردىگە ئايلاندۇرۇشتا قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ۋە دىققەت قىلىدىغان، پەخەس بولىدىغان نوقتىلار مېنىڭچە تۆۋەندىكىچە.

 

1. تۈركىيەدە ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە نامايىشقا يول قويۇلمىسا توختىماي غايىبى جىنازە نامىزى قىلىش. (مەن قەشقەر شەھرىدىن قازا قىلغان 12 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويدۇم، ھەر بىرىنىڭ جىنازا نامىزىنى بىر جۈمە ئوقۇساق 12 جۈمە تۈركلەرگە «ئۇيغۇر قىينالمايۋاتىدۇ، ئۆلۈۋاتىدۇ» دېگەن پاجىئەنى ئاڭلىتالايمىز، جىنازا نامىزى ئۈچۈن چوقۇم بىر ئادەمنىڭ مەشھۇر بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر بىزنىڭ يۈرك پارىمىز.).

 

2. ئېنگىلىزچە، فرانسوزچە، گېرمانچە ئېلان قىلىنغان زۇلۇمغا دائىر خەۋەرلەر، سىنلار ۋە رەسىملەرنى ئەرەپ، بېنگال، ئۇردۇ، پارىس، تۈرك قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش.

 

3. ئۇيغۇرچە گۇۋاھلىق فىلىملەرنى يۇقارقى تىللارغا تەرجىمە قىلىش ۋە بىۋاستە چوڭ تىللاردا گۇۋاھلىق بېرىش، كىشىلەرنى گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىگە ئىلھاملاندۇرۇش، بىز توپ گۇۋاھلىق بېرىشنى قىلمىدۇق، بۇنى قىلىمىز كېرەك.

 

4. غەرپتىكىلەر ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان ئەللەردىكى چىركاۋ، مەسچىت، شەرقتىكىلەر جامى، ئىبادەتخانا قاتارلىق ھەر قانداق ئادەم توپلىشىدىغان يەرلەرگە بېرىپ دەردىمىزنى ئاڭلىتىش. دەرت ئاڭلىتىشتا، كۆرگەزمە، ناخشا، ئۇسۇل، رەسىم، دىرامما قاتارلىق كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان سەنئەتلىك شەكىللەرنى قوللىنىش.

 

5. ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا ئائىت مەنبەلەرنى خىتاي تارقىتىۋاتقان تەشۋىقات رەسىملىرى، فىلىملەر ۋە ماقالىلەر ۋە ھۆججەتلەردىن ئېلىش، ئۇنى ئۆزىمىگە پايدىلىق شەكىلدە چۈشەندۈرۈش…ھەرگىزمۇ خىتايلارنىڭ، فالۇنگوڭچىلارنىڭ ياكى باشقا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى رەسىملەرنى ئۇيغۇر دەپ تارقاتماسلىق. ئەگەر ئۇيغۇر بولمىغان قېرىنداشلار تارقاتقان بولسا چىرايلىق سۆزلەپ ئۆچۈرگۈزۈش.

 

6. فاشىستلىققا قارشى تۇرىمەن دەپ پۈتۈن بىر مىللەتنى كەمسىتىپ فاشىستلىق قىلماسلىق.خىتايلارنى ھاقارەت قىلىدىغان، ئۇلارنى ئىت يەيدۇ، پىت يەيدۇ، قالاق، نومۇسسىز…دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئاخباراتتا ئىشلەتمەسلىك. (مەن ئىككى ئۇستازىمىنىڭ بىر ئەرەپچە قانالغا شۇنداق دېگەنلىرىنى كۆرۈپ بەك بىئارام بولدۇم. بۇ بىزنى ئۆزىمىز قارشى تۇرۇۋاتقان ئىرىقچى، فاشىستلار تۇرۇۋاتقان ناھەق تەرەپكە ئىتتەرگەنلىك بولىدۇ. داۋانى ئەقلىمىز ۋە ئەقىدىمىز بىلىن قىلايلى، بىزنىڭ دىنىمىز بىر مىللەتنى كەمسىتمەيدۇ).

 

7. داۋانىڭ پىكرىنى، شەكلىنى ۋە تىلىنى يېڭىلاش، ھازىرقى مەسىلىنىڭ ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار مەسىلىسى، بىر مىللەتنىڭ يوق بولۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش، ئىنسانىي نوقتىنى تەكىتلەپ سىياسىي پاراڭلارنى ئازايتىش. مەسىلەن، بۇرۇندىن كۆنگەن مۇستەقىللىق، چىقىپ كەتسۇن…دېگەندەك شۇئالار بىلەن كىشىلەرنى «بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان چوڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەن» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويماسلىق.

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە:كومپارتىيە ئەۋەتكەن ‹‹تۇققانلار›› ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالماقتا

يە يانۋار 6 , 2019
ئۇلارنىڭ قىياپىتى قالايمىقانمۇ، ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھىيلىگەرلىك بىلەن سۆز قىلامدۇ يوق؟ ئۆيدە گۇمانلىق يات ئادەم بارمۇ يوق ؟ ئاشخانىدا ئارتۇق قىڭراق بارمۇ يوق؟ تامغا دىنىي تۈس ئالغان زىننەت بۇيۇملىرى ئېسىلغانمۇ يوق؟ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىغان بۇيۇملار بارمۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسى قانداق؟ ئادەتتە مەكىزىي تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنى كۆرەمدۇ ياكى ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىلارنىمۇ؟

You May Like