ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ سوتىغا 30 كىشى قاتناشتى

ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانغا 12-فېۋرال ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوت ئىچىلدى.

خەۋەر تەييارلىغۇچى: ئىقبال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-12

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

  

ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانغا 12-فېۋرال ئىستانبۇل ئادالەت سارىيىدا سوت ئىچىلدى. سوت ئېچلىشتىن ئىلگىرى «شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان سوت كوللىگىيىسىنىڭ پەقەت 30 كىشىنىڭ سوتقا قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. بەگىلىمىگە ئاساسەن  جامائەت ۋەكىللىرىدىن 30 كىشى سوتقا قاتناشتى. سوت تەخمىنەن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. سوت ئاخىرلاشقىچە بولغان جەرياندا ئىستانبۇل ئادالەت سارىيى ئالدىغا يىغىلغان 500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار «ئابدۇقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك، ھەق ھۇقۇق ئادالەت» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ سوتنىڭ ئاخىرلىشىشنى كۈتۈپ تۇردى.

سوت ئاخىرلىشىپ سوتقا قاتناشقان كىشىلەر يېنىپ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سوتنىڭ قارارىمۇ  ئۇقتۇرۇلدى. 

ئىگەللىنىشىچە 12-فېۋرال ئىچىلغان بۇ سوت ئىنتىرنېت ئارقىلىق ئىچىلغان بولۇپ، ئابدۇقادىر ياپچان نەقمەيدانغا ئېلىپ كىلىنمەستىن، يىراقتىن ئىنتىرنىت ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق سوتقا قاتناشقان. ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ ئاساسسىز  ئەرىز شىكايەتلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، ھەقىقى جىنايەتچىنىڭ ئىشالچى خىتاي ئېكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە دەرھال قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە ۋەتەنداشلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق خىتاي تەرەپنىڭ ئىسپاتى يېتەرلىك ئەمەس دىگەن خۇلاسىگە كەلگەن ۋە دەلىل ئىسپاتلار تولۇقلانغۇچە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىلىدىغانلىقىنى، سوتنىڭ يەنە قايتا ئىچىلدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە كېيىنكى قېتىملىق سوت 3- مايدا ئېچىلىدىكەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

«مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتى خەلقئارا خەۋەرلەردىن بەس- بەستە ئورۇن ئالدى

سە فېۋرال 12 , 2019
ئەل سۆيگەن دۇتتار شاھى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ شىھىتلىك خەۋىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا مىقياسىدا زىلزىلە پەيدا قىلغاندىن كىيىن، خىتاي رادىئوسى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ ۋىدىيو تارقاتقان ئىدى

You May Like