ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-دېكابىر
12-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە، ئۇزۇندىن بىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھەسدىكى بوشلۇقلارنى توشقۇزۇپ كىلىۋاتقان نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ خىزمەتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە تەقدىرلەش مەقستىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلىپ، ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ ئۇيغۇر نەشرىيات ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى خاتىرلەنگەن ۋە ھەمدە خىزمەتلىرى قۇتلۇقلانغان.
بۇ يىغىنىنى ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ دوستلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، رىشات ئابباس، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، روشەن ئابباس، ئەلى ئەكبەر ھاجىم، ئۆمەر قانات ۋە تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد قاتارلىق كىشىلەر بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى، پائالىيەتچىلەر، يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار، دىنى ئۆلىمالار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئابدۇجېلىل تۇران كىم ؟
ئابدۇجېلىل تۇران 1958- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى خوتەن شەھرىدە مەرىپەتۋەر ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
بۇ – خىتايلار ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىپ،ھەرتۈرلۈك ناملار بىلەن خەلقىمىزگە ماددى ۋەمەنىۋى جەھەتلەردىن ئىغىر زۇلۇم سېلىۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش بىلەن بىرگە تارىختىن بۇيان خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان تۈرلۈك دىنى، تارىخى ۋە ئەدەبى ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلاۋاتقان ئىنتايىن زۇلمەتلىك يىللار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرى، ھەرتۈرلۈك باھانىلاربىلەن مال -مۈلكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، سۈرگۈن قىلىش، قاماققا ئېلىش ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشتەك پاجىئە ۋە يوقۇتۇشلارغا دۈچ كىلىۋاتقان، جۈملىدىن ئۇيغۇرلۇق تامغىسى بېسىلغان ھەر بىر كىشى خاتىرجەم بىر كىچىنىمۇ ئۆتكۈزەلمەيىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى .
ئابدۇجىلىل تۇراننىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئەنە شۇنداق قاباھەتلىك ۋە زۇلمەتلىك يىللارغا توغرا كەلگەچكە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن كېيىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مانا موشۇنداق ئەھۋالدا قەلبى ئىلىم ۋە مەرىپەتكە تەلپۈنۈپ تۇرغان ئابدۇلجېلىل تۇران، ئۆزىدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەرنى قولدىن بەرمەي بولسىمۇ دادىسى مۇھەممەت ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىمدىن قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە، چاغاتايچە ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئىنتايىن كىتاپ خۇمار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمدىلا ئون ياشلارنىڭ قارىىنى ئالغانلىقىغا قارىماي، قولىغا چۈشكەن ھەرقانداق كىتاپ-ژۇرناللارنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئوقۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئىلىمگە تەلپۈنگەن بۇ سەبىي قەلبىگە مانا موشۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇپ چىققان «ئۆتكەن كۈنلەر»، «مېھراپتىن چايان»، «قاينام ئۆركىشى»، «موللازەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «مىڭ بىر كېچە»… قاتارلىق ئەسەرلەر، «يېڭى قاشتىېشى»، «تارىم»، «بۇلاق» … قا ئوخشىغان ژۇرناللار چوڭقۇر ئىز سالىدۇ.
1977- 1978- يىللىرى ئارىسىدا خوتەندە ئېچىلغان تۈنجى قېتىملىق «ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش» كورسىدا بىر يىلغا يېقىن ئوقۇيدۇ ۋە بىر يىلدەك ئەمەلىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1980 – 1981- يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى» تەرىپىدىن ئىمام غەزالى بىلەن ئىمام رەببانىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش پىلانلانغان «ئىھيائۇل ئۇلۇمىددىن (دىنىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش)»، «مەكتۇبات» ناملىق ئىككى كىتابى خوتەننىڭ ئەينى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇللاھ قارى داموللامغا تاپشۇرۇلغاندا، ياش ئابدۇجېلىل بۇ خىزمەتنىڭ كاتىپلىقىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە ئابدۇللاھ قارى داموللامنىڭ قىلغان تەرجىمىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن قەلەمگە ئالىدۇ.
1983- يىلى 7- ئايدا دادىسى بىلەن بىللە ھەج قىلىش مەقسىتىدە ۋەتەندىن ئايرىلىپ، پاكىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىتىپ كىلىدۇ ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن، يېرىم يىلغا يېقىن مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە تۇرۇپ قالىدۇ. بۇجەرياندا 1949- يىللارغىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ھەر خىل باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى ئىنقىلاپلاردا ئاكتىپ رول ئوينىغان، ئاخىرىدا خىتاينىڭ قانلىق تاپىنىدىن ئامان قېلىپ سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي، مۇھەممەد سابىت داموللام، ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم داموللام… لارغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئىنقىلاپچىلار ۋە ئىلغار پىكىر ئېگىلىرى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ، دائىم دېگۈدەك ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە بولىدۇ. 1983- يىلى 12- ئايدا تۈركىيەگە يىتىپ كىلىپ، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ئىككى ئايدەك تۇرغاندىن كېيىن، پاكىستانغا قايتىپ كىلىدۇ. 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئوقۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ئون ئۇيغۇر ياش بىلەن بىرلىكتە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يىتىپ كىلىپ، ئەزھەر ئۇنۋىرستىتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ.
1987- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئوقۇشتىن توختاپ، تۈركىيەگە كىلىدۇ ۋە بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ ۋە 1989- يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتىدۇ. ئابدۇجېلىل تۇران مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پۇرسەتلا تاپسا ۋەتەنگە بېرىپ-كىلىپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ۋەتەن ئىچىدىكى پروفېسسور، ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە ئالىم خەمىت تۆمۈر، ھاجى ياقۇپ، ئىمىن تۇرسۇن… قاتارلىق ھەر ساھە ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپلىگەن سۆھبەتلەردە بىرگە بولىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم ۋەتەنگە بارغاندا چەتئەلدە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى موھىم ماتېرياللار بىلەن تەمىلەيدۇ. تۈركىيەگە قايتقاندا بولسا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي، ئەدەبىي كىتاب-ژۇرناللارنى ئېلىپ كىلىش ئارقىلىق، كىيىنكى مەزگىللەردە بۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. 1992- يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى ئابدۇجېلىل تۇراننى تۇتقۇن قىلىپ، بىر ھەپتە قاتتىق قىيىن-قىستاقلار ئىچىدە سوراق قىلغاندىن كىيىن، ئىككى يېرىم يىلغىچە كىرمەسلىك شەرتى بىلەن ۋەتەن چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
1992- يىلى 10- ئايدا تىجارەت مەقسىتى بىلەن قازاقىستانغا تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىپ كىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى» بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، 12- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تۇنجى قېتىملىق «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» غا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇرەئۇف مەخسۇم، يۈسۈف مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى، قەھرىمان خۇجامبەردى، يولداش ئەزەمەتۇف، زىيا سەمەدىي، دولقۇن ياسىن … قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئالغاچ بىرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇجېلىل تۇران قازاقىستاندىكى ئۇ پىشقەدەم ئىنقىلاپچى ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇپ ۋە ئۇلار بىلەن كۆپ قىتىپ سۆھبەتلەردە بولۇش پۈرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
1992- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى تۇركىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئاۋۇسترالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 1993- يىلى باھاردا ئىستانبۇلدىكى بىرقىسىم شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى» نامىدا ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ ۋە مۇھەممەدجان قەشقەرى گېزىت مەسئۇلى، ئابدۇلجېلىل تۇران باش مۇھەررىر، پەرھاد مۇھەممەدى، مۇھەممەد توختى، ئەسقەر… قاتارلىقلار گېزىت ئىدارە ھەيئىتى بولۇپ تاللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1993- يىلى 6- ئايدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى» گېزىتىنىڭ تۇنجى سانى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنىدۇ(بۇ گېزىت «شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى» قۇرۇلغاندىن كىيىن پەسىللىك ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولۇپ قالغان).
ئابدۇجىلىل تۇران چەتئەلدىكى پۈتۈن ھاياتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى سەرىپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 1995- يىلىدىن 2000- يىلغىچە شەخسى نامى بىلەن كىتاپ نەشىر قىلغان بولسا، 2000- يىلىدىن باشلاپ «تەكىلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نى قۇرۇپ چىقىپ، كۆپىلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى نەشىر قىلماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.
ئابدۇجېلىل تۇران قۇرۇپ چىققان «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى» چەتئەلدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئۈنسىز خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتەندە نەشىر قىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «ھەج قائىدىلىرى»، «سەففەتۇتتەفاسىر»… قاتارلىق ئىسلامىي ئەسەرلەر، ھەمدۇللا تۈركىستانىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ «تۈركىستان قايغۇسى»، مۇسا تۈركىستانىنىڭ «تۈركىستان پاجىئەسى»… قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە تارقىتىشتىن سىرت، ئۇ كىتاپلارنى ھەرخىل يوللاربىلەن ۋەتەنگە كىرگۈزۈپ ، خەلقىمىزنىڭ دىنى ۋە تارىخى ئەسەرلەرگە بولغان ئىھتىياجىنى كىچىككىنە بولسىمۇ قاندۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە يازغۇچىلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخ-جۇغراپىيەسى»، «ئۇيغۇر قەتلىئامى»، «خاتالىق كىمدىن ئۆتتى؟» … گە ئوخشاش ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىپ خەلقىمىزگە يەتكۈزۈشتە ۋاستىلىق رول ئويناش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىزدە نەشىرقىلىنغان ۋە ھازىرمۇ قىممىتى باردەپ قارالغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «ئىز»، «ئانا يۇرت» … قا ئوخشاش ئەسەرلەرنى كۆپەيتىپ تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ۋەتىنىمىزدە نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىشى چەكلىنىپ، قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان «ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «تۈركىستان خام خىيالىنىڭ بەربات بولىشى»… غا ئوخشاش قىممەتلىك ئەسەرلەرمۇ «تەكلىماكان نەشىرىياتى» تەرىپدىن چەتئەلدە قايتا يورۇقلۇققا چىقتى.
ئابدۇجېلىل تۇران چەتئەلدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىددى ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلار ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت»… قاتارلىق بىر قىسىم ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈپ، نەشىر قىلىپ تارقاتتى. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئالاھىدە ئەرزىيدىغان خىزمەتلىرىدىن يەنە بىرسى بولسا، نۇرغۇن كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزى بىر قوللۇق تۈزۈپ چىققان سەككىز توملۇق زور ھەجىملىك ئەسەر «ئۇيغۇر ئېنىسكىلوپىدىيىەسى» 2024- يىلى 4- ئايدا «تەكلىماكان نەشىرىياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، خەلقىمىز ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى
ئابدۇجېلىل تۇران ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىڭلىغان كىتاپ، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ھەرخىل يوللار بىلەن يىغىپ، ئۇلارنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ ساقلاپ كىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قايتا كۆپەيتىپ تارقاتقان بولسا، يەنە بىر قىسمىنى رەسىم شەكلىدە مۇناسىۋەتلىك تور بەت ۋە ئىنتېرنېت سۇپىلىرىغا قويۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقتا ۋە ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىم ۋەمۇتەخەسسىلەرنى ھەرخىل پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بىلەن خالىس تەمىنلەپ كەلمەكتە.
2017- يىلىدىن باشلاپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قاراتقان ھەرتۈرلۈك باستۇرۇش، يوقۇتۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 40 يىللىق ئاخبارات-نەشرىياتچىلىقى ۋە مەدەنىيتى ۋەيران بولۇش ۋە يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان ھالقىلىق پەيىتتە، ئابدۇجىلىل تۇراننىڭ پىداكارلىقى ۋە خالىس خىزمەتلىرى نەتجىسىدە ئىنتايىن موھىم كۆپلىگەن ئەسەرلەر ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە مىراسلار ساقلىنىپ قالدى.
ئۇ يۇقىرىقىدەك ئىلمى خىزمەتلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلات، ۋەقف ۋە دەرنەكلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە تەشكىلات، ۋەقپ ۋە جەمئىيەتلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، 1998- يىلى 12- ئايدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، 1999- يىلى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ رەئىسى بولغان. 2006- يىلى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىى نەشرىيات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى» مۇدىرى، 2009- يىلى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشىرىيات بۆلۈمى» مۇدىرى. 2024- يىلى10- ئايدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار بۆلۈمى» رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ ھازىر «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار بۆلۈمى» نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.