مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 8- يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتاب ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار بولۇپ 15 كىشى قاتناشتى.

 ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خەۋىرىدە:

ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ 1-كۈنىدە ئاساسلىقى مۇھاجىرەتتە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتابلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، يۈز تۇرانە مائارىپ ۋە تور ئوقۇتۇشىنى تەڭشەش ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆلچەملىك دەرسلىك كىتاب تۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە خىزمەت لايىھىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى
تۈزۈلدى ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ۋە ياش زىيالىيلار ئارىسىدا خىزمەت تەقسىماتى ئېنىق بولدى.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ نەشر ھوقۇقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى

يە يانۋار 9 , 2022
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ نەشر ھوقۇقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى

You May Like