ياخشى پارتىيسى تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇكەممەل « ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى دوكلاتى »ئىلان قىلدى.

تۈركىيە پارلامىنتتا ئورۇن ئالغان سياسى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ياخشى پارتىيەسى تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئ‍نسان ھەقلىرى دوكلاتى»نى ئىلان قىلدى.

ياخشى پارتىيە ئەنقەرەدە ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر دوكلاتنى ئىلان قىلىش ئاخبارات يېغىنىدا، ئىيى پارتىيە باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ لىدىرى، سابىق ئىراق پارلامنىتى ئ‍نسان ھەقلىرى باشلىقى ئەرسات سالىھ، مەزكۇر دوكلاتنى ئ‍شلەشكە قاتناشقان خادىملار ۋە ئۇيغۇر زىيانلانغۇچىلار قاتارلىقلار قاتناشقان.

 ياخشى پارتىيەسى تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم « ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى »ئېلان قىلدى

زۆھرە مەتنىياز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 19-دېكابىر

تۈركىيە پارلامېنتتا ئورۇن ئالغان سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ياخشى پارتىيەسى تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.

ياخشى پارتىيە ئەنقەرەدە ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش ئاخبارات يېغىنىدا، ئىيى پارتىيە باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ لېدىرى، سابىق ئىراق پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى باشلىقى ئەرسات سالىھ، مەزكۇر دوكلاتنى ئىشلەشكە قاتناشقان خادىملار ۋە ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار قاتناشقان.

مەرال ئاقشەنەر خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا مۇنداق دېگەن: «كىم نېمە دېسە دېسۇن، ئۇيغۇر تۈركلىرى بېشمىزنىڭ تاجىسدۇر»، «پارتىيەمىز تەرىپىدىن ئىلمى شەكىلدە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بىر دوكلات بىزگە بالىلارنى ئىگە چاقىسىز قالدۇرغانلارنى خاتىرلىتىدۇ، ئاتىلارنى چارىسىز قالدۇرغانلارنى خاتىرىلەيمىز، ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەيمىز، ئاياللارغا زۇلۇم ئەتكەنلەرنى خاتىرىلەيمىز، كەسپى تەربىيەلەش نامىدا ئۇيغۇر تۈركى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنغان زۇلۇملارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز، مۇسۇلمان تۈركمەن دەپ پەرياد چەككەن قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. ھەر دەقىقىدە ئاڭلىغان ۋە ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئىنسانلىق ئەھۋالىنى ئاڭلىتىمىز، بۇ يەردىن پۈتۈن دۇنياغا سۆز قىلىمەن: ھەر كىمنى شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇشقا ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدىكى كېرەكلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا چاقىرىمەن».

مەزكۇر دوكلات چەتئەللەردىكى ئەللىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلىش، ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر دوكلات تۈركچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللاردا ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ھۈسەيىن راشىد يىلماز دوكلاتنىڭ ئىشلىنىش ئۇسۇلى، ئىشلەش جەريانىدا بايقىغان خىتاينىڭ خاراكتېرى ۋە خاسلىقى، نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان دوكلاتى دېمەستىن ئۇيغۇر بۆلگىسى دوكلاتى دەپ ئاتىغانلىقى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقى ھەققىدە 45 مىنۇت ئەتراپىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ يەنە دوكلات ئىشلەش جەريانىدا كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر زىيالىيلارغا رەھمەت ئېيتقان.

ئەرسات سالىھ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇرۇن خىتاينىڭ ئىراقنى ئەيىپلىگەنلىكىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قايتۇرغان رەددىيەسنى مۇنداق بايان قىلغان: ھەر قانداق ئادەم ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە گەپ قىلسا بولىدۇ، ئەمما سېنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتىڭ يوق.»

دوكلات بېرىش جەريانىدا ئۇيغۇر قىزى نۇرسمانگۇل ئابدۇرېشىت نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى رەتتە مەرال ئاقشەنەر ۋە تۈركمەن لېدىرى ئەرسات سالىھ يېنىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەرال خانىم نۇتقىدا نۇرسمانگۇلنىمۇ تىلغا ئالغان.

دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى باستۇرۇشلىرىنى مىڭلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، لىتۋانىيە ،يېڭى زېلاندىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ئۇيغۇرغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغانىدى.

ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخى، مىللىي، دىنى، تىل جەھەتتىكى قىرىنداشلىقىغا قارىماستىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاق پارتىيەسى -تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقىنى تەكشۈرۈش لايىھىسىنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان. ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، رادىكال دېگەن ئەيىبلەشلەرگە ئاخبارات ساھەسىدە كەڭرى يول قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى جامائەت پىكىرى ھازىرلاشقا يول قويغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://www.uyghurreport.com/

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئەردوغاننىڭ «خىتاي مودېلى» يۈزلىنىشى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

يە دېكابىر 19 , 2021
ئەردوغاننىڭ «خىتاي مودېلى» يۈزلىنىشى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

You May Like