كېلەچەك پارتىيىسى بۈگۈن خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىش ئولېمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە كېلەچەك پارتىيىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن زور كۆلەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە ،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى،كېلەچەك پارتىيىسى رەئىسى،فېراپېسور دوكتور ئەھمەت داۋۇتئوغلى، كېلەچەك پارتىيىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كومتىتى باشلىقى دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ، كېلەچەك پارتىيىسى تاشقى ئىشلار كومتىتى باشلىقى ، دېپلومات ئۈمىت ياردېم، كېلەچەك پارتىيىسى رەئىس ياردەمچىسى، كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى باشلىقى دوكتور سەراپ يازىجى خانىم ۋە باشقا 16 پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى

 

تەمىنلىگۈچى  مۆھتىرەم سەلچۇق ئۆزداغ

 

بۈگۈن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە كېلەچەك پارتىيىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن زور كۆلەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتكە ،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى،كېلەچەك پارتىيىسى رەئىسى،فېراپېسور دوكتور ئەھمەت داۋۇتئوغلى، كېلەچەك پارتىيىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كومتىتى باشلىقى دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ، كېلەچەك پارتىيىسى تاشقى ئىشلار كومتىتى باشلىقى ، دېپلومات ئۈمىت ياردېم، كېلەچەك پارتىيىسى رەئىس ياردەمچىسى، كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى باشلىقى دوكتور سەراپ يازىجى خانىم ۋە باشقا 16 پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە كېلەچەك پارتىيىسى پۈتۈن پارتىيەلەرگە ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرىغا ئوچۇق دەۋەت ئېلان قىلغان ۋە تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ تۈركىيەدىكى سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە، مەۋجۇت پارتىيەلەردىن 16 پارتىيەنىڭ رەئىسلىرى قاتناشقان ، ياكى ۋەكىل ئەۋەتكەن بولۇپ<< ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى>> قاتناشمىغان ۋە ۋەكىلمۇ ئەۋەتمىگەن. مىللەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشمىغىنى تۈركىيەدىكى ۋە پۈتۈن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇردى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىن قاتتىق ئۈمىتسەزلەندۈردى.

يىغىن باشلىنىشىدا كېلەچەك پارتىيىسى رەئىس ياردەمچىسى،كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى باشلىقى دوكتور، سەراپ يازىجى خانىم سۆز قىلدى ،ئۇ سۆزىدە: خىتاي ئۇزۇن زاماندىن بېرى سېستىماتىك ھالدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە! ۋە بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇقى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلماقتا!

ئەڭ قورقۇنۇشلۇقى، لاگېر گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەچمىشلىرىدىن، ئۇ يەردە مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلقىگە قارىتا ئىشلەنگەن ئىنساننى ۋەھىمىگە سالىدىغان ۋەھشىلىكلەر!

بىز بۇ سەۋەپ بىلەن بېيجىڭ قىش ئولېمپىكىگە قارشى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ۋە ھۈكۈمەتكە بۇ ئولېمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز! ۋە ئامېركا ،كانادا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت خىتاينىڭ ئولېمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى بايقۇت قىلدى، ختاي ئىشلىگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى سەۋەبىدىن بۇ ئولېمپىكىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقتۇر! دېدى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان،كېلەچەك پارتيىسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت كومتىتى باشلىقى سەلچۇق ئۆزداغ مۇنداق دەيدۇ:ھۆرمەتلىك پارتىيە رەئىسى ،ھۆرمەتلىك ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ، ۋەكىللىرى، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلار! بىز بۈگۈن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردۇق.شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى دەسلەپتە ئارداھان قۇرۇلتىيىدا ھۆرمەتلىك رەئىسىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.خەلق شەرقى تۈركىستاندا نىمە بولدى دېگەن سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى.

ئەمما شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلگەندە ھۈكۈمەتنىڭ تىلى تۇتۇلدى،كۆزلىرى كۆرمىدى!

ھاكىمىيەت بېشىدىكى بۇ ئىتتىپاقنىڭ بىرى ئۆزىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ لېدىرى ھىساپلايتى،ئەمما شەرقى تۈركىستانغا كەلگەندە ئۇ يەردىكى ئوتتۇز مىليۇن ئۈممەت ئۈچۈن تىلى تۇتۇلدى!

بىرى ئۆزىنى مىللەتچىلىكنىڭ ،تۈركچىلىكنىڭ لېدىرى ھىساپلايتتى،ئەمما شەرقى تۈركىستانغا كەلگەندە قۇلىقى گاس،كۆزى كور بولدى!

ئىستانبۇلدا ،ئەنقەرەدە ختاي كونسۇلى ئالدىدا بىز 21 ئەسىردە ئىنسانلارنى جازا لاگېرىغا سولىغان ختايغا قارشى نامايىشلارنى قىلدۇق ۋە ھۈكۈمەتكە نىمىشقا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئەكەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ پۇل ئۈچۈنمۇ ياكى دەپ سوردۇق!

 

بۈگۈن بىز ھۈكۈمەتنى ۋە ئىتتىپاقدىشىنى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى جىنايىتى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى ئولېمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە توپلاندۇق! بىز ھۈكۈمەتتىن دېپلوماتىك بايقۇت قارارى ۋە سىمۋول خاراكتېرلىك تەنھەركەتچى ئەۋەتىش قارارى چىقىرىشنى ئاڭلاشنى خالايمىز! ۋە شۇنىڭغا چاقىرىق قىلىمىز!

قېنى كۆرەيلى سىزلەرنى : سىزلەر قانچىلىك قېرىنداش،قانچىلىك دىنداش، قانچىلىق ئىرقداش !

قېنى سىزلەرنى كۆرەيلى: قانچلىك تارىخىڭىزغا، دىنىڭىزغا، مەدەنىيىتىڭىزگە ئىگە چىقالايسىز !

ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، بايقۇت چاقىرىقىنى سايلامغا كىرەلەيدىغان پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئالتە پارتىيەدىن باشقىسى بايقۇت چىقىرىغا ئاۋاز قوشتى، بۇ چاقىرىقنى ئادالەت پارتىيىسى ۋە مىللەتچى ھەركەت پارتىيىسىگىمۇ ئەۋەتتۇق ، ئەپسۇس ئۇلار تېلېپونىمىزنىمۇ ئالمىدى ۋە بۇ چاقىرىققا ئىمزا ئاتمىدى!

بۇندىن باشقا تۈركىيەدىكى 132 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىكىگە ئېنگىلىزچە دەۋەت ئەۋەتتۇق، ۋە بايقۇت چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشنى چاقىرىق قىلدۇق. بۇ باش ئەلچىلىكلەرنىڭ كۆپى بۇ دېپلوماتىك بايقۇت قارارىغا قېتىلىمىز دەپ جاۋاپ ئەۋەتتى ،ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى بىلىدۈرۈمىز!

كېلەچەك پارتىيىسى تاشقى ئىشلار كومتىتى باشلىقى ،دېپلومات ئۈمىت ياردىم بۇ ھەقتە سۆزىدە: بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ ۋەھشى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىلار تۈرمىلەرگە سولىنىۋاتىدۇ.ئاياللار تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ.بالىلار يېتىم قېلىپ ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىلىپ ماڭقورت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بالىلار لاگېرىغا سولىنىۋاتىدۇ.

بىز كېلەچەك پارتىيىسى بولۇشىمىز سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ھەقتە داۋاملىق مەيدانىمىزنى ھەر يەردە ئىپادىلەيمىز.

خىتاي ھۈكۈمىتى 21 ئەسىردە جازا لاگېرى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتى، ئائىلە قۇرۇلۇشى، دىنى مىللى قىممەت قارىشىنى يوق قىلىشقا ھەركەت قىلماقتا ! مىللەت سۈپىتىدە چېڭگىز ئايتماتوۋنىڭ دېگىنى بويىچە ماڭقورتلاشقان بىر مىللەتنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەركەت قىلماقتا!

بىز بۇ سەۋەپ بىلەن ھۈكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولېمپىكنى بايقۇت قىلىشقا ،ۋە بۇ ھەقتە كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ، خىتاي بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە بۇ مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشكە دەۋەت قىلىمىز .

كېلەچەك پارتىيىسى رەئىسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فراپېسور دوكتۇر ئەخمەت داۋۇتئوغلى سۆزىدە ھۈكۈمەتنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: بىز بۈگۈن كېلەچەك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بلەن شەرقى تۈركىستاندا ئىنسانلىققا يات ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىشلىنىۋاتقاندا خوشال بولالمايمىز!

مەن بۇ يەردە ختاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلسا مەيلىمۇ دېگەنلەرگە شۇنى دەيمەنكى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلماسلىقىنىڭ بەدىلىنى ئۇيغۇرلار تۆلىمەسلىكى كېرەك دېدى.

ئۇ يەنە تۈركىيە ھۈكۈمىتى يىللاردىن بېرى بىر ھەيئەت ئەۋەتىمىز دېدى ،ئەمما ھەيئەت ئەۋەتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى!ھۈكۈمەتىىن شۇنى سورايمەن ، نىمىشقا بىر ھەيئەت ئەۋەتەمىدىڭىز؟ ھېچ بولمىسا بىر خەلق ئىچى تەشكىلات ياكى كىشىلىك ھوقۇق كۈزەتكۈچى ھەيئەت ئەۋەتمەيسىلە؟ نىمىشقا ئەۋەتىمىدىڭلا؟

چۈنكى قىلالمىدى ، قىلمىدى،قىلىشنىمۇ خالىمىدى!

ئۇلارنىڭ مەقسىدى تۈركىيە ئىچىدە دىنچىلىق، مىللەتچىلىك قىلىپ ، تېشىدا خىتايدىن كېلىدىغان پۇل ئۈچۈن تىلى تۇتۇلدى! قۇلاقلىرى گاس بولدى! كۆزلىرى كور بولدى!

ھەتتا بۈگۈن بېيجىڭ قىش ئولېمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئىمزامۇ ئاتمىدى!

نىمىشقا؟

ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى،تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نىمىشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى چىقمايدۇ؟ مەسىلە تۈركىيەدە! چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى تۈركىيە . بۇ مەسىلىنى تۈركىيە باش بولۇپ ھەل قىلمىسا كىم قىلىدۇ؟

ئەسلىدە بۇ قېتىمقى قىشلىق ئولېمپىك دەل <<ۋان مىنۇت>> دەيدىغان ۋاقىت ئىدى!

ئەمما ھۆرمەتلىك ئەردئان ئەپەندى خىتايغا كەلگەندە<< ۋان مىنۇت>> نى ئۇنتۇدى! بىزدە ھەقسزلىك قارشىسىدا سۈكۈتتە تۇرۇش يوق! كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قارشىسىدا سۈكۈتتە تۇرۇش يوق! بىر نەچچە مىليۇن ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرماق يوق!

بۇ يەردىن ھۈكۈمەتكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىمەن! ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىڭ !

 

مەن بۇ يەردىن يەنە خىتايغا شۇنى دېمەكچىمەنكى : ئولېمپىك بانىسىدا قەشقەرنى،خوتەننى، ئۈرۈمچىنى ئاقسۇنى ئېچىڭ !

ئو ۋاقىتتا كۆرەيلى!

 

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا

چا يانۋار 12 , 2022
لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا

You May Like

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىمەكچى

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىمەكچى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-يانۋار

كېلەچەك پارتىيەسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت  ئىشلىرى كومىتېتى  « بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

يىغىنغا پروفېسسور، دوكتور، پارتىيە رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ، خەلق ئىچى تەشكىلاتلار كومىتېتى  ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى دوتسېنت، دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پروفېسسور سەراپ يازىجى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى، دىپلومات  ئۈمىد ياردىم قاتارلىقلار قەدەم تەشرىپ قىلماقچى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلەر، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ،دىپلوماتىيە ۋە خەلق ئىچى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شۇنداقلا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە ئالدىن مەلۇمات بەرگەن سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى شۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە غەربتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارىنى چىقاردى. ئەسلىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشى كېرەك. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ۋاز كەچمىدى. بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرىدىغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگىلا ئۇچراپ قالماستىن، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ياشاش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي بۇ جىنايىتىنى يوشۇرالمىدى، بەلكى قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان كىشىلەر بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، تارىخداشلىرىمىز، مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى. 

تۈركىيەدە ھازىر ئىقتىداردا ئۇنىڭ  شېرىكى، ئۆزىنى مىللەتچى دەپ قارايدىغان «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» ۋە ئۆزىنى ئۈممەتنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارايدىغان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» بار. بىز ئۇلارغا شۇنى دېمەكچى : شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسمۇ؟ سىزلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدىمۇ ياكى زالىم خىتاي تەرەپتىمۇ؟  شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرك ئەمەسمۇ؟ ………..تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دەرھال دىپلوماتىك بايقۇت قارارى  ئېلىشى كېرەك! بىز يەنە تۈركىيەدىكى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىگە، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مەۋجۇت  ئىقتىدارغا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھۆرمەتلىك  ئەردوغان ۋە باھچەلىگە مۇراجىئەت قىلىمىز: 
پەقەت دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە ئولېمپىكقا  سىمۋول خاراكتېرلىك  تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك !

بىز كېلەچەك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بارلىق ئاخباراتچىلارنى، ۋە خەلق ئاممىسىنى 2022-يىلى 11-يانۋار سائەت 12:00 دە باش شتابىمىزدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىمىز.»

كېلەچەك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە، بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پروفېسسور ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇلۇغ ئالىم ،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى سەپىرىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

باش تېخنىك ئوفسترنىڭ خىزمەت دائىرسى

جۈ يانۋار 7 , 2022
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېكەتلىرى ۋە باشقا دىگىتال ئەسلىھەلىرىنىڭ سستىما قۇرۇلۇشى ۋە نورمال يۈرۈشتۈرۇلۇشى، كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى، ساندان ۋە ئ‍شلەتكۈچى بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

You May Like