ئامىنە سەدەف خەۋىرى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – سېنتەبىر
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنى پۈتۈن تۈركىيىگە تۇلۇق ئاڭلىتىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەدىكى كۈنتەرتىپلىك مەسىلىلەر قاتارىغا ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ ، لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى » نىڭ 2- قېتىملىق سەپىرى مۇشۇ ئاينىڭ 17_ كۈنى سىۋاس شەھرى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە سىۋاس ، ئەرزىنجان ، ئەرزۇرۇم، رىزە ، تىرابزون قاتارلىق شەھەرلەردە ئىمزا توپلاش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ، تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش ، كەڭ كۆلەملىك لېكسىيە سۆزلەش ، يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىتخانىلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان .
زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى ، ئاكتىۋىتىس مەدىنە نازىمى خانىم ھەر قايسى شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ، « بىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلق بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى . مەيلى ئىمزا توپلاش پائالىيتىمىز بولسۇن ياكى ئاخبارات ئېلان قىلىش ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان لىكسىيەلەرگە بولسۇن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلدى . پائالىيەتلىرىمىزنى يەرلىك ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ، İHH ، ھەرقايسى سىياسىي تەشكىلاتلار، تۈرك ئوجاكلىرى، ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ، ژورنالىستلار ھەر تەرەپتىن قوللىدى ۋە ھەمكارلاشتى .
خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پائالىيتىمىزنىڭ تەسىرىنى بىز بارغان شەھەرلەردە تېخىمۇ ھېس قىلدۇق . نۇرغۇن يەرلىك خەلق ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما ئەمەلىي ياردەم قىلىش قولىدىن كەلمەيۋاتقانلىقىنى ۋە پەقەتلا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ خىجىللىقىنى بىلدۈردى » دېدى .
«شەرقىي تۈركىستان. ئۈچۈن ئاناتولىيە » سەپىرى 2_ ئاۋغۇست بۇرسادا باشلانغان بۇلۇپ ، بىرىنچى قېتىملىق سەپەردە بۇرسا ، كونىيا ، ئالانىيا ، گازىئانتەپ ، كاپادوكيا، قەيسىرىي ، ئوسمانىيە قاتارلىق شەھەر ، ۋىلايەتلەردە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ، پائالىيەتلەر ئارىدا قىسقا بىر دەم ئالغاندىن 17- سېنتەبىر 2_- قېتىملىق سەپەرگە ئايلانغان .